خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ماي، شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى ئاشكارا قولغا ئېلىپ، ئاشكارا ھۆكۈم چىقىرىش چوڭ يىغىنى ئېچىپ، 6 دىلودىكى 55 نەپەر جىنايەت گۇماندارىغا ئۆلۈم جازاسى ياكى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئابلىمىت ئابدۇللا قاتارلىق 3 جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىندى، 38 جىنايەت گۇماندارىنى ئاشكارا قولغا ئالدى، 27 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى جىنايى ئىشلار بويىچە ئاشكارا توختىتىپ قويدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى