باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئائىت مۇھىم تەدبىرلىرى

2014.05.30 13:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-ئاينىڭ 26-كۈنى

  ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز ئارا گىرەلەشكەن جەمئىيەت ئەندىزىسى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 26-چېسلا يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە يېڭىلاپ، قوش تىللىق مائارىپنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز ئارا گىرەلەشكەن جەمئىيەت ئەندىزىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە

  «قاتتىق زەربە بېرىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەدبىر قوللىنىش»

   4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ھالقىما تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە قارىتا شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ئىزچىل ساقلاپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەدبىر قوللىنىپ، زوراۋان، تېررورچىلارنىڭ نوخۇلىسىنى ئېلىپ قويۇش كېرەك.»

  4-ئاينىڭ 25-كۈنى

  زوراۋان، تېررورچىلار كوچىغا چىققان چاشقاندەك ئۇر-ئۇرغا قالسۇن

  4-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئامانلىقىنى ھەقىقىي قوغداش توغرىسىدا 14-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كەسپىي خادىملار بىلەن خەلق ئاممىسىنى بىرىكتۈرۈپ، خەلققە تايىنىپ، ھەرخىل شەكىلدىكى ئامما ئىدارە قىلىش ۋە مۇداپىئە قىلىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مۇستەھكەم قورغان بەرپا قىلىپ، زوراۋان، تېررورچىلارنى كوچىغا چىققان چاشقاندەك ئۇر-ئۇرغا قالىدىغان قىلىش كېرەك. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر