باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىدە، پۈل سىياسىسىنىڭ ئاساسىي زادى قانچىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ؟

2014.05.30 09:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي پىرامىدانىڭ چوققۇسىغا تۇتىشىدىغان يول پۇل ئارقىلىق ياسالغاندا، دىموكراتىيەنىڭ مەنپەئەت گۇروھىنىڭ باياناتچىسى بولۇپ قېلىشىدىن سانلانغىلى بولمايدۇ. مەنپەئەت تەلىۋى مالىيە كۈچىگە تايىنىپ قالغاندا، دۆلەت سىياسىسى ئاممىۋىي ئىشەنچلىكلىكىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىزچىل تۈردە سىياسىي ھەرىكەتلەرگە ماھىل بولۇپ كەلگەن ئاكا-ئۇكا كوخلار 125 مىليون ئامېرىكا دوللىرى توپلاپ، بۇ يىل 11-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا پايدىغا ئېرىشىشنى كۆزلىمەكتىكەن. «لوس-ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتى» ئوبزور ئېلان قىلىپ، بۇ خىل ئامېرىكىچە ئۇسۇلنى تەنقىت قىلدى ۋە پۇل ئارقىلىق سىياسىي مۇددىئاسىغا يېتىشقا ئامېرىكا ئالى سوت مەھكىمىسى ياردەم قىلدى، دېدى.

  ئامېرىكىنىڭ سىياسىسىدىكى پۇل ئىكىلوگيىسى كىشىلەرگە ناھايىتى تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى. ھەتتا ئىلگىرىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكىنى شۇ بولدىكى، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ 9 سوتچىسى 4 قارشى 5 بېلەت نەتىجىسى بىلەن، شەخسلەرنىڭ نامزاتلار ۋە پارتىيلەرنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىغا بېرىدىغان ئېئانىسىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چېكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سىياسىدا پۇلنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇشىغا يول ئېچىپ بەردى. باش سوتچى جون.روبېرتىس: ئىئانە بېرىشكە چەك قويۇش پۇخرالارنىڭ بىرىنچى تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدىكى ئەڭ ئەقەللى ھەرىكەت ھوقۇقىغا يولسىزلىق بىلەن دەخلى-تەرۈز يەتكۈزدى، دەپ باھانا كۆرسەتتى.

  بۇنداق باھانا كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدۇ. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «پۇل مۇئامىلە گېزىتى» ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: %1 كىشى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 3تىن 1 قىسىمىدىن ئارتۇق بايلىقىغا ئىگە بولغان ئىقتىسادىي گەۋدىدە، بۇنداق قىلىش جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسىنى چىرىتىۋېتىدۇ. كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ 3تىن 1 قىسىم بايلىقىنى %1 بايلار ئىگىلىۋېلىش ئىقتىسادىدىن ئەندىشە قىلماقتا، شۇنداقلا بۇ %1 بايلارنىڭ دىمكراتىيىسىدىن تېخىمۇ ئەندىشە قىلماقتا.

  گەرچە ئامېرىكا سىياسىي تۈزۈلمىسىنى دىمكراتىيەنىڭ ئۈلگىسى، دەپ قارايدىغان بولسىمۇ، ئەمما تۈزۈم خاراكتېرلىك ئوڭايسىزلىق ناھايىتى ئېنىق كۆرۈلمەكتە. ئۇلارنىڭ سىياسىي سەھنىسى ئاز سانلىق يۇقۇرى كىرىملىكلەر قاتلىمىدىكىلەرنىڭ پۇل ئارقىلىق كۈچ سىنىشىدىغان جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى. ئىجتىمائىي ئاممىۋىيلىق سىياسىتىنىڭ تارازىسى بۇ جەڭ نەتىجىسىگە قاراپ ئۇياق-ياققا ئېغماقتا. باي-نامراتلىق تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ سىياسى تەڭپۇڭسىزلىقنى قارار قىلىشىغا يول قويۇلدى، بۇ يەنە كېلىپ، ئىقتىسادنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. مۇشۇ تەرىقىدە يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش پەيدا بولدى.

  «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى»نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئىلگىرى پۇل خەجلەپ ۋاشىنگىتون سىاسىي چەمبىرىكىگە ۋايىزلىق قىلغان گۇگۇل شىركىتىنىڭ 2012-يىلى سىياسىي ۋايىزلىق قىلىشقا سالغان سېلىنمىسى ئامېرىكا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرغان. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، گۇگۇل شىركىتىنىڭ ھازىرقى باش سىياسىي ۋايىزچىسى سۇسان.مورىنا مۇنۇلارنى ئېنىق بىلدۈردى: يۇقۇرى پەن-تېخنىكا ساھەسىگە ئائىت سىياسەتنىڭ چىقىرىلىشى يۇقۇرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، مىكروسوفېت شىركىتى سىياسىي ئېڭى كەم بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئانتىتروس قانۇنىغا قارشى دەۋاسىغا چېتىلىپ قالدى. ئۇلار بۇنىڭدىن ساۋاق ئالغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ سىىياسىي ئىشلارغا بەرگەن ئىئانىسى 1995-يىلىدىكى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن 2000-يىلى بىراقلا مىليون دوللارغا يەتتى.

  سىياسىي پىرامىدانىڭ چوققۇسىغا تۇتىشىدىغان يول پۇل ئارقىلىق ياسالغاندا، دىموكراتىيەنىڭ مەنپەئەت گۇروھىنىڭ باياناتچىسى بولۇپ قېلىشىدىن سانلانغىلى بولمايدۇ. مەنپەئەت تەلىۋى مالىيە كۈچىگە تايىنىپ قالغاندا، دۆلەت سىياسىسى ئاممىۋىي ئىشەنچلىكلىكىدىن مەھرۇم قالىدۇ. كەينى-كەينىدىن چىقىۋاتقان پۇل سىياسىسىي ئويۇنىدا، ئامېرىكىنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىدىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە پۈتۈن دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز خورىماقتا. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر: ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىدە، پۈل سىياسىسىنىڭ ئاساسىي زادى قانچىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ؟ بۇنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى زادى قانچىلىك؟ دەپ سوئال قويۇشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر