- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: ئومۇمنىڭ پۇلىدا تاڭزۇڭزا قاتارلىق بايراملىق سوۋغاتلارنى سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلىشتەك ناتوغرا ئىستىللارنى قاتتىق چەكلەش كېرەك
2014.05.30 13:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تاڭزۇڭزا چاغىنىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئومۇمنىڭ پۇلىدا تاڭزۇڭزا قاتارلىق بايراملىق سوۋغاتلارنى سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلىشتەك ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي چەكلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە 5-ئاينىڭ 29-كۈنى «تاڭزۇڭزا چاغىنىنى پاك-دىيانەتلىك ئۆتكۈزەيلى ‐‐ ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ھەرىكەتتە» دېگەن مەخسۇس سەھىپىسى تەسىس قىلىندى.
مەخسۇس سەھىپىدە پاش قىلىش كۆزنىكى ئېچىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسى ئومۇمنىڭ پۇلىدا تاڭزۇڭزا قاتارلىق بايراملىق سوۋغاتلارنى سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلىشتەك ناتوغرا ئىستىللارغا قارىتا نازارەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى. تور بېكەت يەنە ھەر ۋاقىت ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان تىپىك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلايدۇ. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر