- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خۇسۇسىي كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىرىشى چەكلىنىدۇ
2014.05.30 13:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى-ئەمەلىيىتى پائالىيىتى ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، «كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىكى ناتوغرا ئىستىل»نى قەتئىي تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئەزالارلا كىرەلەيدىغان ئەزالىق تۈزۈمىدىكى سورۇنلار ياكى جامائەتكە ئېچىۋېتىلمەستىن پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرگىلا قارىتىلغان تاماق مۇلازىمىتى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، ھۆسۈن تۈزەش، چېنىقىش سورۇنلىرىغا كىرىشى مەنئىي قىلىنىدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلەندى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىرىش قىلمىشى بايقالغان ھامان قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛ تىپىك مەسىلىلەرنى ئېلان قىلىپ ۋە ئاشكارىلاپ، تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا ئىبرەت تەربىيەسى بېرىشى كېرەك. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر