باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىنىستان زۇڭلىسى مودى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا پاكىستان زۇڭلىسىنى تەكلىپ قىلدى

2014.05.30 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندىستان چوڭ سايلىمى ئاخىرلىشىپ، مودى غەلبە قىلدى. مودى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا ئۇزۇن يىل دۈشمەنلىشىپ كېلىۋاتقان قوشنا دۆلىتى پاكىستاننىڭ زۇڭلىسى شېرىپنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، بۇ خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، جامائەتچىلىك بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش كەيپىياتىنى يارىتىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.

  ھىندىستان زۇڭلىسى مودى 27-ماي يېڭى دېھلىدا، ئۆزىنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا تەكلىپكە بىنائەن قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن پاكىستان زۇڭلىسى شېرىپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. بۇ 1947-يىلى پاكىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان، ھىندىستان بىلەن پاكىستان رەھبەرلىرىنىڭ قارشى تەرەپ رەھبىرىنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا چەتئەللەر، مودىنىڭ بۇ قېتىمقى شېرىپنى تەكلىپ قىلىشىنى ھىندىستان پاكىستانغا زەيتۇن دەرىخى سۇندى، دەپ قارىدى. مودىمۇ سۆھبەتتە شېرىپنىڭ ئۆزىنى پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇشقا قىلغان تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.

  ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: سۆھبەت كەيپىياتى ياخشى ۋە مول ئىجابىي بولدى، مودى پاكىستاندىن- پاكىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىنى توسۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پاكىستاننىڭ 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى بومبايغا ھۇجۇم قىلىشتەك تېررورلۇق ۋەقەسىنى سوت قىلىش خىزمىتىنى تېزلىتىشىنى تەلەپ قىلىپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان سودىسىنى تامامەن نورماللاشتۇرۇش پاكىستاننىڭ بۇ دېلونى ھۆكۈم قىلىش ئەھۋالىغا باغلىق، دېدى. ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، پاكىستان بىلەن تىنچ دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇ تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىنى تۈگىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  شېرىپ ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇشتىن ئىلگىرى مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىم ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، ھىندىستانداغا تىنچلىق ۋە قەدىرلەش ئۇچۇرىنى يەتكۈزىمەن، تىنچلىق سۆھبىتى رايون كرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى. شېرىپنىڭ زىيارەتتە بولۇشى ۋە مودى بىلەن ئۇچرىشىشى ھىندىستان جامائەتچىلىكىدە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. ھىندىستاندا چىقىدىغان «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: مودى بىلەن شېرىپنىڭ ئۇچرىشىشى ئۈلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ھىندىستان كونگىرىسلار پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى سىنگى مۇنداق دېدى: بۇ مودى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر ئىجابىي ئۆزگىرىش. شېرىپمۇ ھىندىستان يېڭى دېھلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ بىر ئۇلۇغ پەيت ۋە پۇرسەت بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچىدۇ. شېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى دۆلەت گۇماننى ۋە ئەندىشىنى تۈگىتىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا نەچچە ئون يىل داۋاملىشىپ كەلگەن مۇقىمسىزلىق ۋە بىخەتەر بولمىغان ۋەزىيەتنى تۈگىتىشى كېرەك.

  ھىندىستان جۇڭگو تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پاكىستاندا توك كۈچى كەمچىل، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا بۇندىن ئىلگىرى ھىندىستاندىن پاكىستانغا توك يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىلگەن ئىدى. ئەگەر بۇ تەسەۋۋۇر رىياللىققا ئايلىنىدىغان بولسا، پاكىستاندىكى پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شېرىپنىڭ ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇشى بىر ياخشى باشلىنىش بولۇپ، كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى بۇنىڭ بىلەن كۈچىيىشى مۇمكىن.

  ئىسلام ئاباد ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى راخمان مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مۇتلەق كۆپ ساندىكى پاكىستان پۇقرالىرى شېرىپنىڭ ھىندىستانغا قىلغان زىيارىتىنى قوللاپ، شېرىپنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، پاكىستان بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتىگە پايدىلىق، دەپ ھېسابلىدى.

  ئەمەلىيەتتە، پاكىستان تەرەپ شېرىپنىڭ ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇشىغا مۇددەتتىن بۇرۇن تولۇق يول ئاچتى. پاكىستان ھۆكۈمىتى 25-ماي تۈرمىگە قاماپ قويۇلغان كۆپلىگەن ھىندىستانلىقلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە ھىندىستان تەرەپنىڭ تۇتۇپ تۇرىۋاتقان 57 بېلىقچى كېمىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ھەرىكەتلەردىن مەقسەت پاكىستان بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئىجابىي كەيپىيات يارىتىشتىن ئىبارەت. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلىدىغان ھىندىستانلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى بېلىقچى بولۇپ، پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش بولىۋاتقان دېڭىز ساھىلىدا مەشغۇلات ئىلىپ بارىدۇ. ئىككى تەرەپ دائىم چېگرىدىن ھالقىپ بېلىق تۇتۇشنى باھانە قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ بېلىقچىلىرىنى تۇتىۋالىدۇ. بۇ پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا كۆپ يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۇتۇپ قىلىنغان بېلىقچىلارنى قويۇپ بېرىش ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بېلىقچى كېمىلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پاكىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتى دوستلۇق پوزىتسىيىسىنى بىلدۈردى، پاكىستاننىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ خادىملارنى قويۇپ بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.

  راخمان مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ھىندىستانلىقلارنى قويۇپ بېرىشى، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوست بولۇش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈشى بولۇپ، بۇ پاكىستان بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ياخشى كەيپىيات يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر