باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 6-قېتىملىق مەملىكەتلىك ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

2014.05.29 08:19         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-قېتىملىق مەملىكەتلىك ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنى تەقدىرلەش يىغىنى ۋە 2014-يىللىق ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى 27-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى . 27-ماي چۈشتىن بۇرۇن ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەقدىرلەش يىغىنىدا تەقدىرلەنگەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

  6-قېتىملىق مەملىكەتلىك ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنى تەقدىرلەش يىغىنى ۋە 2014-يىللىق ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى 27-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى . 27-ماي چۈشتىن بۇرۇن ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەقدىرلەش يىغىنىدا تەقدىرلەنگەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى . ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى : ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ‹‹ئىككى 100 يىللىق نىشان ›› نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ‹‹ جۇڭگو ئارزۇسى ›› نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ . كەڭ ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرۇغان كادىرلار پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق يەرلەرگە بېرىپ ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش دولقۇنىغا ئاكتىپ ماسلىشىشى ، ھاياتىدىكى ئەسكەر بولغانلىقىدەك تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئاڭلىق تەرغىپ قىلىشى ، ھاياتنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچىدا ، ئوخشىمىغان ئىش ئورنىدا داۋاملىق تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى ، ھاياتىنى چاقنىتىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ ، جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى .

مەسئۇل مۇھەررىر : 买力克.买买提

ئالاقىدار خەۋەرلەر