باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى يېزا-ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا بىر مىليارد يۈەن ئاجراتتى

2014.05.30 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى 28-ماي خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەركەز مالىيەسى يېقىندا 2014-يىللىق دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكىسى مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىشتا قوللىنىشقا ئۆزگەرتىش ۋە تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، ئۇنى شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمالدىكى قۇرغاق رايونلاردا بىنەم يەر يېزا ئىگىلىكى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىدۇ. سۇلياۋ يۇپۇق يېپىپ تېرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە نۇقتىلىق ئىشلىتىدۇ.

  مەركەز مالىيەسىنىڭ قوللىشى ۋە يىتەكچىلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ بىنەم يەر تېرىلغۇ تېخنىكىسى تەرەققىيات ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئېرىشىپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمالدىكى بىنەم يەرلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئونىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئاساسلىق رول ئوينىدى. كېلەركى قەدەمدە، مەركەز مالىيەسى مالىيەدىن چىقىم قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، بىنەم يەر يېزا-ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىگە سېلىنىدىغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ بىنەم يەر دېھقانچىلىقىنىڭ سىجىل مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر