باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 15-قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

2014.05.30 08:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 26-ماي چۈشتىن كېيىن بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈستىدە 15-قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش زور نەزەرىيىۋى مەسىلە ھەم زور ئەمەلىي مەسىلە. بۇ مەسىلىنى ئىلمىي تونۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.بازار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولى مەسىلىسىدە دىئالېكتىكا ،ئىككى نۇقتىلىق قاراشنى تەكىتلەپ،ئارتۇقچىلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ، بازار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى ئورگانىك بىرىكتۈرۈش، ئۆز ئارا كەمكوسلىرىنى تولۇقلاش، ئۆز ئارا ماسلىشىش، ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈش قېلىپىنى تېرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىساد جەمئىيەتنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى ھەمدە خىزمەت تەسىراتىنى ئالماشتۇردى. سۈن چۈنلەن، سۈن جېڭسەي، ۋاڭ ياڭ، خەن جېڭ بۇ مەسىلىدە مۇھىم سۆز قىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. ھەمدە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 20 نەچچە يىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. لېكىن يەنىلا كۆپلىگەن مەسىلىلەر ھەمدە بازارنىڭ ئاساسى ھاياتى كۈچىنى چەكلەيدىغان، بازار ۋە باھا قانۇنىيىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان نۇقسانلار يەنىلا مەۋجۇت. بۇ مەسىلىلەر ياخشى ھەل قىلىنمايدىكەن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قىيىنغا توختايدۇ. تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈشمۇ تەس. بىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى كەڭ دائىرە ۋە چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ بايلىقنى بىۋاسىتە تەقسىملىشى، مىكرو ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە بىۋاسىتە ئارىلىشىشىنى ئازايتىپ، بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن ، رىقابەت تەرتىپلىك بولغان بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تىزلىتىپ، ئېچىۋىتىلگەن ئاشكارا بازار پرىنسىپىنى ئورنىتىپ، بازار مېخانىزمىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەيدىغان ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى بازارغا بېرىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارنىڭ بازارغا بېرىپ، بازارنى رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ساھەلەردە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق تەقسىملەشتە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ۋە سەرخىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلار ۋە شەخسلەرنى تېخىمۇ كۆپ ھاياتى كۈچ ، تېخىمۇ كۆپ بوشلۇقتا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، بايلىق يارىتىشقا ئۈندىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىلمىي بولغان ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ كونترول قىلىش، ئۈنۈملۈك بولغان ھۆكۈمەتنى تىزگىنلەش سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيىسىدە ھەقىقىي بۇرۇلۇش ياساپ، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ كونترول قىلىش سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش كېرەك. بازار ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى ، ھەققانىيلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇش لازىم. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەمۇرىيەتنى چوقۇم قانۇن بويىچە قاتتىق يۈرگۈزۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى جەزمەن ياخشى باشقۇرۇش، باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ قويۇپ بېرىشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى جەزمەن يېتەرلىك قويۇپ بېرىپ، قويۇپ بېرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىدىن چىقىپ كېتىش ، ھالقىپ كېتىش، بوش قويۇش ھادىسىلىرىنى قەتئىي يېڭىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە ھەر دەرىجىلىك كادىرلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆگىنىش داۋامىدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. يېڭى مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىش، يېڭى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش كېرەك. ئارتۇقچىلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىشنى ئۆگىنىپ، ئۇنى ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلىشكە ماھىر چېۋەر قولغا ئايلاندۇرۇش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر