باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ يەر شارى تەتقىقات كېڭىشىنىڭ 2014-يىللىق بېيجىڭ يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2014.05.30 09:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش مىنىستىر لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يەر شارى تەتقىقات كېڭىشىنىڭ 2014-يىللىق بېيجىڭ يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. يەر شارى تەتقىقات كېڭىشى 2012-يىلى قۇرۇلغان، خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكى 11 نوپۇزلۇق ئورگان بىرلىكتە قۇرغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئىلمىي ماقالىلارغا ئاشكارا ئېرىشىش، ئىلمىي تەتقىقات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

  بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى- ئىلىم پەن بىلىملىرىگە ئاشكارا ئېرىشىش ۋە ياش پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش. يەر شارىدىكى 40 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 70 نەچچە تەتقىقات كېڭىشى ۋە ئاساسلىق پەن تەتقىقات ئاپپاراتىدىكى 400دىن ئارتۇق ۋەكىل ۋە كۆزەتكۈچى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ ئالدى بىلەن قۇرۇلغىنىغا ئىككى يىل بولغان بۇ يەر شارى تەتقىقات كېڭىشىنىڭ 2014-يىللىق يىغىنىنى ئېچىشتا جۇڭگونى تاللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىلىم-پەندىن ئىبارەت تارىخىي زور ئەسەرنى پۈتۈن دۇنيا ئورتاق يازغان، كەلگۈسىدىكى ئەسەرنىمۇ خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىككە يارىتىدۇ. ئىلىم-پەننى ئېچىۋېتىش بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا چېتىلىدۇ. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش يېڭىلىق يارىتىشنى قوغدىغانلىق. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئېچىۋېتىلگەن تەرەققىيات، بىز مىڭلىغان ئون مىڭلىغان يېڭىلىق يارىتىشقا، ئىگىلىك يارىتىشقا جۈرئەت قىلغۇچىلارغا، چەتئەلنىڭ ئىلغار بىلىمى ۋە تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش ۋە كىرگۈزۈشكە مۇھتاج. بۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز ياخشى قانۇنچىلىق مۇھىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ زور يېڭىلىق يارىتىشقا قوزغايمىز.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياشلار يېڭىلىق يارىتىش ئارزۇسىغا ۋە ھېسسىياتىغا ئەڭ باي، نۇرغۇن زور ئىلىم-پەن بايقاشلىرى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ياشلار ئىشقا ئاشۇرغان. ئىلىم-پەننى قىزغىن سۆيىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىرادە باغلىغان تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى ئىلىم-پەن ساھەسىگە، يېڭىلىق يارىتىش ئۇرۇش مەيدانىغا كىرىشكە جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ باشلىنىش باسقۇچى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى ئىلىم-پەن نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىش باسقۇچىدا ئۇلارنى ۋاقىتدا يۆلەيمىز.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ شاھماتنى ئوبدان ئويناشتا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش-يۆنىلىش، بۇ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى، ئىجاد قىلىش يوشۇرۇن كۈچى، ئىگىلىك يارىتىش ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا مۇھتاج. ئاجايىپ نەتىجىلەرنى يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىپ، ئادەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا، ئىجاد قىلىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. بۇ ئىلىم-پەن بارلىققا كېلىدىغان تۇپراق. بىز راستچىل ، ئەمەلىيەتچىللىك بىلەن ئىزدىنىشتەك ئىلىم-پەن روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، خاسلىققا ھۆرمەت قىلىپ، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساق بولۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىزدىنىش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ ئەسلىي ئىجادىيەت، ئاساسىي بايقاش ۋە كەشپىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى كۈچلۈك ساداغا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر