باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى يىتەكچى پىكىر» بېسىپ تارقىتىلدى

2014.05.30 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى يىتەكچى پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي، ئىچىملىك سۇ ۋە يول يۈرۈش ئاساسى شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاشنى، ياشاش مۇھىتىنىڭ پاكىز، رەتلىك، قولايلىق بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئالاھىدىلىككە ئىگە گۈزەل، ياشاشقا ماس كېلىدىغان كەنتلەرنى پەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  پىكىردە: شۇ يەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ يىتەكچىلىك قىلىش، مادارىغا قاراپ ئىش قىلىش، ئاستا-ئاستا ئىلگىرلەش قاتارلىق ئاساسىي پىرىنسىپلار ئېنىق بېكىتىلدى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوخشىمىغان جايلارنىڭ كونكرىت نىشانى، مۇھىم نۇقتىسى، ئۇسۇلى ۋە ئۆلچىمىنى ئىلمىي بېكىتىپ، قارغۇلارچە ئۈلگە قىلىش، ھەممىسىگە ئوخشاش تەلەپ قويۇشتىن، چوڭ كۆلەملىك بۇزۇپ چېقىپ قايتا سېلىشتىن ساقلىنىپ، دەرەخلەرنى كېسىشتە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، تاغلارنى كولاش، كۆللەرنى تىندۇرۇشتىن ساقلىنىپ، ئۆيلەرنى بۇزۇشنى ئازايتىش تەكىتلەندى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەشكىلى رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىش ۋە باھالاش مىخانىزمىنى بەرپا قىلىش لازىم. ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئۆز رايونىدىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇپ، پىلان ۋە يىللىق خىزمەت ئەھۋالىنى ۋاختىدا ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئەنگە ئالدۇرۇشقا سۇنۇپ، نازارەتچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر