- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


4-ئايدىن بۇيان، ئېلىمىزدە كۆمۈر، توك ۋە نېفىت يەتكۈزۈش ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى
2014.05.30 09:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزدە كۆمۈر، توك ۋە نېفىت تىرانسپورتىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج سەل كەڭرەك بولغان.
كونكرىت قارىغاندا، 4-ئايدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن كارخانىلارنىڭ توك چىقىرىش مىقتارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.4 ئاشقان، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا كۆمۈر توشۇش مىقتارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 ئازايغان. ئاساسلىق پورتلارنىڭ كۆمۈر توشۇش مىقتارى %8.3 ئاشقان. 4-ئايدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن كارخانىلارنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقتارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.4 ئازايغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر