5-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 7دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىككى نومۇر تاختىسى يوق ماشىنا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى باغچا شىمالى يولىدىكى ئەتىگەنلىك بازاردا ئاممىنى سوققان، ئارقىدىن ئىككى ماشىنا پارتلاپ ئوت كەتكەن. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغانغا قەدەر، 31 ئادەم ئۆلۈپ، 90دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.