باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو: خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچ خىل كۈچكە قەتئىي كەڭچىلىك قىلماسلىق پوزىتسىيەسىنى تۇتۇشى كېرەك

2014.05.30 13:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن 28-چېسلا مۇنداق دېدى: تېررورىزىم ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تېررورىزىمغا زەربە بېرىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشى كېرەك.

  ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى، يادور قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى ۋە «بازا» تەشكىلاتىنى جازالاش كومىتېتى شۇ كۈنى بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش قىلىش يىغىنىنى ئاچتى. ۋاڭ مىن تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا مۇنداق دېدى: يېقىندا، نىگېرىيە، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق-تېررورلۇق ۋەقەلىرى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردىكى، ھەر قانداق تېررورلۇق ھەرىكەت مۇددىئاسىنىڭ قانداق بولۇشى، نەدە، قاچان يۈز بەرگەنلىكى، كىم قىلغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، كەچۈرگۈسىز ئېغىر جىنايى قىلمىشتۇر. خەلقئارا جەمئىيەت تېررورىزىم، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاشقۇنلۇقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچكە چوقۇم قەتئىي كەڭچىلىك قىلماسلىق پوزىتسىيەسىنى تۇتۇشى كېرەك، چوقۇم ئوچۇق قارشى تۇرۇشى ۋە قەتئىي زەربە بېرىشى كېرەك. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر