باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى 769 مىليون 770مىڭغا يەتكەن

2014.05.30 09:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 28-ماي ئېلان قىلغان «2013-يىللىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى 769 مىليون 770مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 2 مىليون 730 مىڭ كىشى ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى382 مىليون 400 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 11 مىليون 380 كىشى ئاشقان.

  مۇئاش جەھەتتە، 2013-يىلى مەملىكەت بويىچە شەھەر بازارلاردىكى غەيرى خۇسۇسىي كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مۇئاشى 51 مىڭ 474 يۈەن بولۇپ، 2012-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، %10.1 ئاشقان. 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى 2609 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %13.9 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر