باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمى مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ئاخىرلاشتى

2014.05.30 09:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمى مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ئاخىرلاشتى، پوروشېنكو سايلامدا غەلبە قىلدى، ئۇنىڭ غەلبە قىلىشى ئۇكرائىنانىڭ تەقدىرى بىلەن بىرلەشتى.

  ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ سايلىمى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 25-ماي سائەت 20دە ئاخىرلاشتى. كۆپ تۈرلۈك ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، زۇڭتۇڭ نامزاتى پوروشېنكو %50 دىن كۆپرەك ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، جامائەتلىك ئۇنى غەلبە قىلدى دەپ ھېسابلىغان.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالاھىدە ۋاقىتتا ئىلىپ بېرىلغان ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى زۇڭتۇڭ سايلانغاندىن كىيىن، ئۇكرائىنانىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى ئۇكرائىنانى مۇقىملىقىنى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق يېتەكلەش، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تاشقى مۇناسىۋەتنى تەڭشەشتەك كۆپلىگەن خىرىسلارغا يولۇقىدۇ.

  بۇ ئۇكرائىنا 1991-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان 6–قېتىم ئۆتكۈزۈلگە ئالاھىدە بىر قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمى.

  1. بۇ ئۇكرائىنانىڭ 1-قېتىم ئىچكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدە ئۆتكۈزگەن زۇڭتۇڭ سايلىمى. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى ئەل ئارا قۇراللىق كۇچلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن بولغان توقۇنۇشى بارغانسېرى كۈچەيدى، زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، ئىككى تەرەپنىڭ قىسمەن رايونلاردىكى ئۇرۇشى توختىمىدى، ئىككى تەرەپتىن ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرى يۈز بەردى.

  2. بۇ تۇنجى قېتىملىق كۆڭۈل بىلىنمىگەن سايلام بولدى. كۆپلىگەن تاراتقۇلار جامائەتچىلىك سايلامدىن بىر ئاي ئىلگىرى پوروشېنكونى غەلبە قىلىدۇ دەپ قارىغان، ئۇندىن باشقا، بۇ بىر قېتىملىق رەڭلىك تۇسى بولمىغان سايلام بولدى. ئىلگىرىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، ئۇكرائىنادىكى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا سادىق نامزاتلار بىلەن رۇسىيىگە سادىق نامزاتلارنىڭ ئېلىشىش كەسكىن بولغان، مەيلى قايسى تەرەپنىڭ غەلبە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، قارشى تەرەپنىڭ كەسكىن توسقۇنلۇق قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. گەرچە پوروشېنكو ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا سادىق بولسىمۇ، بىراق ئۇ بىر قەدەر مۆتىدىل، شۇڭا ئۇنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسىم رايونلىرىدىمۇ كۆپلىگەن قوللىغۇچىلىرى بار.

  ئۇندىن باشقا، بۇ ئۇكرائىنادىكى ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى قوللاش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولغان سايلام بولدى. كۆپلىگەن سايلىغۇچىلار، پوروشېنكو ئەڭ ياخشى نامزات بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىمىسىمۇ، بىراق دۆلەتنىڭ داۋالغۇش ۋەزىيىتى داۋاملاشسا بولمايدۇ دەپ قارىدى، گەرچە پوروشېنكونىڭ ئەل رايىنى تەكشۈرۈشىدىكى قوللاش نىسبىتى يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئاۋاز بەردى.

  پوروشېنكو ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتە غەلبە قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: مېنىڭ غەلبە قىلىشىم، ئۇكرائىنا خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشنى تاللاشنى قوللىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە، ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىش فاڭجېنىدا مېڭىشى ئىنتايىن مۇھىم، ھەر قايسى ھاكىمىيەت تارماقلىرى خىزمەتتە بۇ مۇستەھكەم تاللاشقا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

  پوروشېنكو مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ قوشنىسى، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئىنتايىن مۇھىم. رۇسىيىنىڭ قاتنىشىشى بولمىسا، مەزكۇر رايوننىڭ بىخەتەرلىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇكرائىنا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا رۇسىيە بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ.

  پوروشېنكو، ئۆزى زۇڭتۇڭ بولغاندىن كىيىن، دونىستىك ۋە لوگەنىيسىك ئوبلاستىغا بارىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن ئۇكرائىنا پۇقرالىرىغا تىنچلىق يارىتىش كېرەك، بۇنىڭدا شەرقىي قىسىم رايونىدىكى پۇقرالار بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىش كېرەك.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما، ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى خايگىر ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلدارلىرى سۆھبەت بايان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى ئارباتوف مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پوروشېنكو ئەمەلىيەتتە سودىگەر، ئۇ رۇس تىلىنىڭ ئۇكرائىنادا غايەت زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.ئۇكرائىنانىڭ دېپروۋسىك ئوبلاستىنىڭ باشلىقى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: شەرقىي قىسىم رايونى كرىزىسىنى ھەل قىلىش يېڭى زۇڭتۇڭ يولۇقىدىغان تۇنجى سىناق، پوروشېنكونىڭ زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىنىڭ قانداق بولۇشى ئۇنىڭ ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ئۈمىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاشۇرالماسلىقىغا باغلىق.

  ئۇكرائىنا رايون پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزاسى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئەگەر پوروشېنكو قانلىق توقۇنۇشنى توسۇپ قالسا، شەرقىي قىسىمدىن ئەسكەر چېكىندۈرسە، چوڭ كەچۇرۇم قىلىش ۋە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىسا، رۇس تىلىنى ئۇكرائىنانىڭ 2-چوڭ تىلىغا ئايلاندۇرسا، شەرقىي قىسىم رايونىدىكى پۇقرالار ئاندىن ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دونىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتى رەھبىرى دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن ئىجابىي خاراكتېرلىك سۆزلىشىشدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر