- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىزدە چەتئەللەردە ئوقۇپ قايتىپ كېلىدىغانلارنىڭ سانى تېز ئاشتى
2014.05.30 09:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلار سانىنىڭ مۇقىم ئېشىشى، دۆلەتنىڭ چەتئەلدىكى ئىختىساسلىقلارنى جەلىپ قىلىش ۋە قوللاش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى، دۆلەت ئىچىدە ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ جىددىي ئېشىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئېلىمىزدە چەتئەللەردە ئوقۇپ قايتىپ كېلىدىغانلارنىڭ سانى تېز ئاشتى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2013-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەنلەر سانى 353 مىڭ 500 بولۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىكى چەتئەللەردە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەر سانىنىڭ 30 ھەسسىسىگە يېقىنلىشىپ، يىللىق ئېىشىش نىسبىتى %32.4گە يەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر