باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گو شېڭكۈن 22-ماي ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى

2014.05.26 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچىدە 22-ماي زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەركەزنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دۆلەت كومىسسارى، دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى گو شىڭكۈن شاڭخەيدىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىپ دېلونى رازىۋېتكا قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. يارىلانغان ئاممىدىن ھال سورىدى. گو شىڭكۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يارىلانغان ئاممىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، دېلونى دەرھال تەكشۈرۈپ، جىنايەتچىلەرنى تېپىپ چىقىپ، زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ جەمئىيەتتە ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھايات ۋە مال مۈلۈك بىخەتەرلىكى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  گو شىڭكۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتە ئومۇمىي جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ئامما توپلاشقان ئورۇنلاردا قۇراللىق چارلاشنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك پارتلاتقۇچ بۇيۇملار، پىچاق قاتارلىق نۇقتىلىق بۇيۇملارنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە كونترول قىلىپ، تۈرلۈك ئېغىر جىنايى ئىشلار ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى زوراۋان تېررورچى كۈچلەرنىڭ قەبىھ ھەرىكىتى ۋە ماھىيىتىنى تولۇق تونۇشقا يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى تېخىمۇ قەتئىي مەيدانىنى ساقلاپ، مىڭىسىنى سەگەك تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، يېقىنلىرى قايغۇرىدىغان، ئۆچى بارلىرى خۇشال بولىدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىق كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر