- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدا تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى تارقىتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق 16 دېلوغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى
2014.05.22 16:30 مەنبە: خەلق تورى
39 جاۋابكار مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرى: شىنجاڭدىكى ھەرقايسى خەلق سوت مەھكىمىلىرى 20-چېسلا تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى تارقىتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق 16 دېلو، 39 كىشىگە ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلدى. بۇ دېلولار تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تەشكىللەش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە قاتنىشىش ، مىللىي ئاداۋەتكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، مىللىي كەمسىتىش جىنايىتى، قانۇنسىز قورال-ياراغ ياساشقا ئالاقىدار جىنايەتلەردۇر. دېلوغا چېتىشلىق جاۋابكارلار قانۇن بويىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرىسى مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر