سۇرىيەدە 3-ئىيۇن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھازىرقى زۇڭتۇڭ باشار ئەل ئاساد كۈتۈلمىگەندە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئۈچىنچى يەتتە يىللىق ۋەزىپە مۇددىتىنى قولغا كەلتۈرگەن. تەھلىلچىلەر مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەنكى بىر يىلدا، باشار ئاساد ئىران ۋە لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشكەن، شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئۆكتىچىلەرگە قارشى تۇرۇشتا ئۇدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن.
شۇ يەر ۋاقتى 3-ئىيۇن سەھەر سائەت 7:00 دە، سۇرىيەدە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاش باشلانغان. 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سۇرىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ رەسمىي نامزاتلىرىنى ئېلان قىلغان، ھازىرقى زۇڭتۇڭ باشارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچەيلەن زۇڭتۇڭ سايلمىنىڭ شەرتىگە ماس كېلىپ، رەسمىي نامزاتلىققا تاللانغان.
باشار ئاساد 1965-يىلى 9-ئايدا سۇرىيە پايتەختى دەمەشقتە تۇغۇلغان، ئۇ مەرھۇم زۇڭتۇڭ ھافىز ئاسادنىڭ ئىككىنچى ئوغلى. ھافىز ئاساد سۇرىيەگە 30 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ‹‹شىر››دەك داھىي دەپ تەرىپلىنىپ، سۇرىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى شۆھرىتىنى ھازىرغىچە ھېچكىم باسالمىغان. باشار ئوتتۇرا شەرقتىكى ‹‹بالا شىر›› دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېشى ھازىر 50 كە يېقىنلاپ قالدى.
1982-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پوتكۈزگەندىن كېيىن، بەشىر دەمەشق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئىلىم كەسپىدە ئوقۇغان ھەمدە مەكتەپتىكى مەزگىلىدە ھەربىيلىككە ئۆتكەن. 1988-يىلى ئالىي مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇ كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرى بولغان، كېيىن دوختۇرلۇقتىن ۋاز كېچىپ، سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. 1994-يىلى باشار سۇرىيە خولمىس شەھىرىدىكى ھەربىي ئىشلار ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1996-يىلى 1-ئايدا ئىشتاب ئوفىتسېرى قوماندانلىق ئىنىستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرۇپ، 1998-يىلى پودپولكوۋنىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1999-يىلى 1-ئايدا پولكوۋنىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە تېبابەت ئىلمىدە ئوقۇپ تېببىي ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
باشار ئىلگىرى سۇرىيە ئۇچۇرچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 2000-يىلى 6-ئايدا ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، باشار سۇرىيە قايتا گۈللىنىش پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان ھەمدە گېنىراللىققا، قوشۇمچە سۇرىيە قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. شۇ يىلى 7-ئايدا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن سۇرىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. 2005-يىلى 6-ئايدا، ئۇ يەنە بىر قېتىم ئەرەب قايتا گۈللىنىش جەمئىيىتى پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان. 2007-يىلى 5-ئايدا، سۇرىيەدىكى بارلىق خەلق باشارنىڭ 2-قېتىملىق زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىنى قارار قىلغان، شۇ يىلى 7-ئايدا ئۇ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. 2000-يىلى ۋە 2007-يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، باشار بىردىنبىر زۇڭتۇڭ نامزاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق قوللىغۇچىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان.
بەشار توي قىلغان بولۇپ، بىر ئوغۇل، بىر قىزى بار. ئايالى ئەسما ئەل ئاخراس ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان سۇرىيەلىك ئەرەب، ئۇ يۈرەك، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ قىزى. ئۇ ئەنگلىيەدە ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېر كەسپىي بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.