باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

5-ئايدا ئېلىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى داۋاملىق ئاشتى

2014.06.03 09:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان 5-ئايدىكى ئېلىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى ئۇدا ئۈچ ئاي ئېشىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئېشىش كۆلىمى بۇرۇنقى 0.1 پوئېنتتىن 0.4 پوئېنتقا ئۆرلەپ، %50.8 كە يېتىپ، ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 0.8 پوئېنتتىنمۇ يۇقىرى بولدى.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇلازىمەتنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئالىي ئىستاتىستىكىچىسى جاۋ چىڭخې تەھلىل قىلىپ، ئېلىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۇدا ئۈچ ئاي ئېشىشى-ئېلىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ داۋاملىق مۇقىم ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى دېدى.

  جۇڭگو مال ئوبوروت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەھلىل دوكلاتىدا، ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئاشۇرۇش سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمەكتە، ئىچكى بازار ئېھتىياجى ئاشماقتا دەپ قارالدى.

  5-ئايدىكى ئېلىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچىنىڭ تېز ئېشىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلغاندا، ئېھتىياج بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەڭ ئېشىپ، ئېلىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچىنىڭ تېز ئېشىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو مال ئوبوروت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەھلىل دوكلاتىدا مۇنداق دەپ قارالدى: مۇقىم ئاشۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى خېلى گەۋدىلەندى، بازار تەلىپى ئاشتى، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىسى ئەسلىگە كەلدى، خام ئەشيا سېتىۋېلىش ئىجابىيلىققا يۈزلەندى، ئىش باشلاش نىسبىتى ئۆرلىدى، ئىقتىسادىي ھەرىكەت يەنىمۇ ياخشىلاندى. نۆۋەتتە، بىر يۈرۈش مۇقىم ئاشۇرۇش سىياسەت-تەدبىرلىرى يەنىلا داۋاملىق يولغا قويۇلماقتا، بۇنىڭ ئۈنۈمى بۇندىن كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا داۋاملىق كۆرۈلىدۇ.

  5 -ئايدىكى ئېلىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى نۇرغۇن ئىجابىي سىگنالنى چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەرگە يۈكسەك دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

  جاۋ چىڭخې مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: گەرچە ياسىمىچىلىق ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولسىمۇ، لېكىن كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتى يەنىلا بىر قەدەر قىيىن. كارخانىلار كەلگۈسىدىكى بازارغا بولغان ھۆكۈمدە يەنىلا بىر قەدەم ئېھتىياتچان بولماقتا. جۇڭگو مال ئوبوروتى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەھلىل دوكلاتىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ كېيىنكى مەزگىللىك ھۆكۈمىدە يەنىلا ئېھتىياتچانلىق، ئۈمىدۋارلىق بار. ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش شۇنداقلا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئۇزۇن مەزگىل بىلەن قىسقا مەزگىلنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى سىياسەت-تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا چىقىرىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇقىم تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر