باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇستەھكەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورغىنى قۇرىمىز

2014.06.03 08:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ مەسىلىسى يىراق كەلگۈسىدىن ئېيتقاندا يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇشقا قانچە ئۇرۇنسا ، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ھەر ساھە ئەربابلىرى تۇشمۇ تۇشتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقايسى مىللەتلەر چوڭ ئىتتىپاقلىق تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سۈي يەنخۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىرگەن شىنجاڭ ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى دىمىسىمۇ چۈشىنىشلىك.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 13-دىۋىزىيەسى سۆگەت بۇلاق دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ئادىل قادىر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلە، بىز بۇ چوڭ ئائىلىدە بىرلىكتە ياشاۋاتىمىز، ئاز بىر قىسىم بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى، يۇرتىمىزنى بۇزۇشىغا يول قويمايمىز، ئۆزئارا ئىشەنگەن، ئۆزئارا ياردەمدە بولغان مىللىي مۇناسىۋەتلا ئاندىن شىنجاڭنى ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىك نىشانىغا يەتكۈزەلەيدۇ.

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى تۇرغۇنجان مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى چوڭ سىياسەت فاڭجېنلىرىنى قەتئىي قوغدايمىز، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت زىيالىيلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى لازىم.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسىدىكى چارۋىچى مەمەمتتۇرسۇن قادىر مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ سىياسىتى بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ كاپالىتى، بىز ۋەتەننى، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىمىز، شۇڭا بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆزقارچۇغىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇش نىيىتىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن يۇرتىمىز تېخىمۇ گۈزەل، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ئۈمىدلىك بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 买力克.买买提

ئالاقىدار خەۋەرلەر