باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزىدىكى ياشانغانلار ۋە بالىلاردىن تەشكىللەنگەن كەنتلەردە بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆپەيمەكتە

2014.06.03 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بۇلتۇر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە ئاتا-ئانىسى ئىشلەمچىلىككە كېتىپ، ئۆزلىرى يېزىدا قالغان بالىلاردىن 61 مىليوندىن ئارتۇقراقى بار بولۇپ، ھەر 5 بالىنىڭ 1 ئى يېزىدا قالغانكەن. نۇرغۇنلىغان ياشانغانلار ۋە يېزىدا قالغان بالىلاردىن تەشكىللەنگەن كەنتلەردە بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆپ يۈز بەرمەكتە.

  ئەنخۇي پىداگوكىكا ئونىۋېرسىتېتى پىسخىلوگىيە فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى فاڭ شۇاڭخۇ مۇنداق دىدى: يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك بىخەتەرلىكىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. پىسخىلوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، جەمئىيەتنىڭ ھەرقانداق كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرىغا بولغان تەربىيە ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى دائىم بۇ نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىدۇ. ئۇلار دائىم تىرىكچىلىك قىلىش سەۋەبىدىن سىرتلارغا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەنلىكتىن، يېزىلاردا قالغان بالىلاردا ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، بىزارلىق پىسخىكىسى پەيدا بولۇش، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە سوغۇق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلىلەر كۆرىلىدۇ.

  ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمەتچىلىرى ۋە مۇتەخەسىسلەر مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: يېزىلاردىكى بالىلارنى قوغداشنى كۈچەيتىش لازىم، ھامىچى، مەكتەپ، جەمئىيەت ۋە قانۇندىن تەركىپ تاپقان مۇداپىئە كۆرۈش تورىنى قۇرۇپ چىقىپ، ھەر بىر يېزا بالىلىرىنى ئەڭ ئەمەلىي كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قوغداشقا ئىگە قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو خەلق ئونىۋېرسىتېتى جەمئىيەت ۋە نوپۇس ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە نوپۇس ئىلمىي فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى، پىروففېسسور دۇەن چىڭرۇڭ تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: بىخەتەرلىك بىلىملىرى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدا گەۋدىلىك بولغان بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋىپلىرى بىلەن ئۆز ئارا بىرىكىشى كېرەك، شۇ يەرنىڭ بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋىپلىرىگە ئاساسەن، كونكرېت، ئەمەلىي بىلىملەرنى تاللاپ بالىلارغا ئۆگىتىش لازىم. مەسىلەن: يارىدار بولغاندا قانداق قىلىش، باشقىلارنىڭ دەخلى-تەرۈز قىلىشىغا ئۇچرىغاندا قانداق قىلىش كېرەك، دىگەندەك جەھەتلەردىن تەربىيەلەش لازىم.

  جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پىروففېسسورى ساۋ يىسۇن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھازىر ئېلىمىزدە تېخى بىرەر مۇتەخەسىس يازغان، ئىلمىي باھالاشتىن ئۆتكەن مەملىكەت خاراكتېرلىك جىنسىي تاجاۋۇزچىلىقتىن ساقلىنىش ئوقۇتۇش ماتىرىيالى يوق، شۇڭا تېزدىن مەملىكەت خاراكتېرلىك، نوپۇزلۇق جىنسىي تاجاۋۇزچىلىقتىن مۇداپىئە كۆرۈدىغان دەرىسلىك كىتاپ، دەرىس پىلانىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر