باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>شىنجاڭ زېمىنىدا>>شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى

«يېشىل يول» چېگرا سودا ئېغىزىنى گۈللەندۈردى

2014.05.26 09:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ ئەڭ غەربىي شىمالىدىكى چۆچەك شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ مېۋە چىۋە كۆكتات ئېكىسپورت بازىسى بولغان يۇڭلى شىركىتىنىڭ ئامباردا ساقلاش مەركىزىدە قاتار كەتكەن كۆكتات يەشىكلىرى ماشىنىغا قاچىلاندى. بۇ كۆكتات، مېۋە چىۋىلەر چۆچەك شەھىرىدىن يەتتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى باقتۇ چېگرا ئېغىزىغا توشۇپ ئاپىرىلىپ، قازاقىستانغا يەتكۈزۈلىدۇ. ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى» ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلەتكەندىن بۇيان، پارنىكتىكى مېۋە كۆكتاتلار تېرىش، مايسا يېتىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈشتىن پەرۋىش قىلىشقىچە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىنىپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. ھازىر مېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتىنىڭ ئاۋات مەزگىلى، مۇخبىر بۇ يەرگە ماشىنا بىلەن يۈك ئالغىلى كەلگەن قازاقىستانلىق شوپۇر تايىپخاننى كۆردى. ئۇ ھەر كۈنى جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئارىلىقىدا قاتنايتتى. ئۇ چۆچەكنىڭ باقتۇ چېگرا ئېغىزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، ئۇ ئىلگىرى مەن كىرىپ چىقىشىم ئۈچۈن ئىككى سائەت ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر يېرىم سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ، ۋاقىت زور دەرىجىدە قىسقاردى دېدى.

  باقتۇ تېز سۈرئەتلىك تاموژنىدىن ئۆتۈش «يېشىل يولى» ئۆتكەن يىلى 23-دېكابىر ياسالغاندىن كېيىن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا ئىمپورت ئېكسپورت قىلىنغان يۈك ئومۇمىي مىقدارى 54 مىڭ 900 توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55 ئاشتى. مېۋە كۆكتات مەھسۇلاتىنىڭ ئىمپورت ئېكسپورتى 1165 توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %130 ئاشتى. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، چۆچەك شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ يەن مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆز ئارا پايدا مەنپەئەت يەتكۈزۈش-چېگرا ئېغىزى قۇرۇلۇشىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك يول. بىز قازاقىستانغا بېرىپ چۆچەك ئاشلىق ماي سانائەت باغچىسى قۇرىمىز. بىزنىڭ پۇقراۋى كارخانىلىرىمىز ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇلارنىڭ توخۇ فېرمىسى قۇرۇشىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ تۇخۇم يېيىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. چۆچەك شەھىرىمىز مىسلىسىز پۇرسەتكە ئېرىشتى. رېئال مەسئۇلىيىتىمىز ۋە تارىخىي بۇرچىمىز ئىنتايىن زور.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر