باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەر قانداق مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ

2014.05.26 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچىدە «22-ماي» يۈز بەرگەن زوۋانلىق تېررورلۇق دېلوسىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېې 22-ماي قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش ئىرادىسى، ئىشەنچىسى، ئىقتىدارى بار، ئۇلارنىڭ تېررورلۇق دېلوسىنى سادىر قىلىش مەقسىتىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن رەئىس شى جىنپىڭ دەرھال تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالاپ، يارىلانغان ئاممىنى ۋاقتىدا داۋالاپ قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىپ، جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك چارلاپ كونترول قىلىش ۋە نۇقتىلىق جايلاردا مۇداپىئەلىنىش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، زەنجىرسىمان ئىنكاس كېلىپ چىقىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش؛ زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە تېررورچى ئۇنسۇرلارغا جەزمەن ئۇزاق مۇددەت ئاگاھ بېرىپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر