باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قارا سۈركەش قىلمىشى ھەق-ناھەقنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ(1)

2014.05.22 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى تور ئابرويىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ قىلمىشى-تورنى پۈتۈن دۇنيانى نازارەت قىلىش ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تور بوشلۇقىنى ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەشنىڭ قورالى قىلىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 19-ماي پاكىتنى غەرەزلىك ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تور مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىدى دېگەن باھانە بىلەن جۇڭگونىڭ بەش ئوفىتسېرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى. بۇ قىلمىش-خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ تۈپ مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقى ۋە ئۆز ئارا ئىشىنىشىگە داغ تەگكۈزدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدە جۇڭگونى ھەدەپ تەڭلىككە سالدى، نۇرغۇن قېتىم جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسىنى ئامېرىكىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىدى دەپ ئاساسسىز ئەيىبلىدى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى يولسىز ئەپتى-بەشىرىسى ئامېرىكىنىڭ تور زومىگەرلىك تەپەككۇرىنى ئاشكارىلاپ بەردى. سىنودىن ۋەقەسى خەلقئارا جەمئىيەتكە شۇنى ئېنىق كۆرسەتتىكى، ئامېرىكا بىردەممۇ جىم تۇرماي تېخنىكىلىق يوللارغا باش قاتۇرۇپ، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ تور مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشنىڭ رولچىسىغا ئايلاندى. ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى تور ئابرويىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى.

  ئامېرىكا خاتالىقىنى بوينىغا ئالماستىن، ئەكسىچە زومىگەرلىك ۋە ساختا ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنى پەردازلىدى، ئۇنىڭ قىلمىشى ئامېرىكىدا ئېغىر ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى. «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بىر ئوبزورچى ماقالىسىدا، ئاقساراينىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش قىلمىشىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا قايتۇرغان ئىنكاسى خۇددى داستىخانغا چىقارغىلى بولمايدىغان داشقايناققا ئوخشاپ قالدى دېدى. ۋاشىنگتوندىكى ئېلېكتىرونلۇق شەخسىي مەخپىيەتلىك ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى مارك لوتىنبېرگ باشقا دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ تور زومىگەرلىكىدىن ئەنسىرەيدۇ، چۈنكى ئىنتېر تورى-بىر خىل دۆلەت بايلىقى بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، بىخەتەرلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم دەپ كۆرسەتتى.

  ئامېرىكىنىڭ تور زومىگەرلىكى ھۇجۇم خاراكتېرىغا ئىگە بولۇپ خەتەرلىك. ھەممىگە ئايانكى، ئامېرىكىنىڭ توردا ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىنىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولماقتا. ھەربىي چىقىمنى ئازايتقان ئەھۋالدا، بۇ يىل ئامېرىكا تور قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىشتاتىنى بەش ھەسسە كۆپەيتىش، بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ تور بىخەتەرلىك راسخوتىنى 17 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى، ئامېرىكا يەنە ئالدىن قول سالىدىغان تور ھۇجۇمى ئىستراتېگىيەسىنى تۈزدى ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «تاللىن تور ئۇرۇشى خەلقئارا قانۇنىغا مۇۋاپىقلىشىش قوللانمىسى»نى چىقىرىشىغا باشچىلىق قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تور ئۇرۇشىنى قانۇنغا ئۇيغۇنلاشتۇرماقچى بولدى. كۆپچىلىك ئىراننىڭ ئاممىۋى يادرو ئەسلىھەسىنىڭ تور ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ئۇنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولنىڭ ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر