لى كېچياڭ: شەھەرنىڭ قىياپىتى يوتقاننىڭ تېشىغا، شەھەرنىڭ ۋىجدانى يوتقاننىڭ ئەستىرىگە ئوخشايدۇ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، زۇڭلى لى كېچياڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفېڭ شەھىرى دېرۇي يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىغا كەلدى. ئۇ كارخانا مەسئۇلىغا مۇنداق دېدى، شەھىرىمىز پاكىز ھەم گۈزەل، لېكىن يەر ئاستى ئۇل ئەسلىھەلەر يەنىلا ئاجىز. شەھەرنىڭ قىياپىتى يوتقاننىڭ تېشىغا، شەھەرنىڭ ۋىجدانى يوتقاننىڭ ئەستىرىگە ئوخشايدۇ، ئەستەرنى پۇختا قىلغاندىلا، يوتقان تېشىنى ياخشى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇزاق مەزگىللىك ئۇلۇغۋار ئىش. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى