باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاند ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ھەربىي ھالىتى قالايمىقانچلىقنى بېسىقتۇرالامدۇ؟

2014.05.22 09:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تايلاند ھەربىي دائىرىلىرى 20-ماي سەھەردە ھەممە جايدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن تايلاندنىڭ پۈتكۈل بىخەتەرلىك ئىشلىرى ھەربىي تەرەپنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى.

  ھەربىي دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىم ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىشى تايلاندىكى سىياسىي مالىمانچىلىق يېشىلمەس تۈگۈنگە كىرىپ قالغان پەيتكە توغرا كەلدى، تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: ھەربىي تەرەپنىڭ بۇ ھەرىكىتى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ۋاقتىنچە ساقلىيالايدۇ ئەمما تايلاند جەمئىيىدىكى يارىنى تېگىدىن ساقايتالمايدۇ، كەلگۈسىدە ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان سۆزلىشىشنى كۈچەيتىش يەنىلا قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولىدۇ.

  تايلاند قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بايۇ 20-ماي: بۇ قېتىمقى ھەربىي ھالەت سىياسى ئۆزگىرىش ئەمەس دەپ تەكىتلىدى ، ھەربىي دائىرىلەر شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت تەسىس قىلغان بىخەتەرلىك تەرتىپىنى ساقلاش مەركىزىنىڭ تارقىتىلغانلىقى، تىنچلىقنى قوغداشقا قوماندانلىق قىلىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، بايۇنىڭ بۇنىڭغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، تىنچلىقنى قوغداش قوماندانلىق مەركىزى دۆلەتنىڭ بارلىق بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قولىغا ئالغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ھەربىي دائىرىلەر بارلىق رادىيو ئىستانسىلىرى، تېلىۋىزىيە ئىستانسىلىرىغا كىرىپ، ئاڭلىتىلىۋاتقان كۈندۈلۈك پروگراممىلارنى توختىتىش، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئارمىيە دائىرلىرى رادىيو ئىستانسىسى ۋە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشنى ئاڭلىتىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە بارلىق تاراتقۇلارنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى بار مەزمۇنلارنى بېرىشىنى مەنئىي قىلدى.

  جەڭگە ھازىر بولۇپ تۇرغان زور تۈركۈم ئەسكەلەر بانكوك كوچىلىرىنى بىر ئېلىپ، ھەرقايسى ئاساسلىق يول ئېغىزلىرىنى كونترول قىلدى، يۈزدىن ئارتۇق ئەسكەر قىزىل مايكىلىقلار يىغىلغان جاينى مۇھاسىرىگە ئالدى ھەمدە سېرىق مايكىلىقلار ۋە قىزىل مايكىلىقلارنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئىككى گۇرۇھتىكى نامايىشچىلارنى ھازىرقى ئورنىدىن قوزغالماسلىققا بۇيرۇق قىلدى، ئارمىيە دائىرىلىرى يەنە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بارلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە تارماق مەسئۇللىرىدىن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا ئارمىيە دائىرلىرىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ھەربىي ھالەت يولغا قويۇلغان بىرىنچى كۈندىن قارىغاندا بانكوك كوچىلىرى ئاساسەن تىنچ، كىشىلەرنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشى بەك چوڭ تەسرىگە ئۇچرىمىغان.

  تايلانددا ئىچكى مالىمانچىلىق بولغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشتى، ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلار ۋە ھۆكۈمەتكە قارىشى تۇرغۇچىلار بەزى مەسىلىلەردە يەنىلا تالاش تارتىش قىلماقتا، سابىق زۇڭلى يىڭلۇك شىناۋاترا ئاساسى قانۇن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن بوشتىلغاندىن كېيىن ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچى قىزىل مايكىلىقلار زور كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈشكە باشلاپ، ھۆكۈمەتكە قارشى سېرىق مايكىلىقلار بىلەن قارمۇ قارشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى ھەرقانداق چاغدا زور كۆلەملىك توقۇنۇش يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلدى.

  كۈزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئارمىيەنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتتا ھەرىكەتكە كېلىشى ۋەزىيەنى كونترول قىلىشتا بەلگىلىك ئىجابىي رول ئوينايدۇ بۇ ئىككى تەرەپنىڭ يۈز تۇرانە توقونۇشۇپ، قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

  گەرچە ھەربىي دائىرىلەر بۇ قېتىمقى ئىچكى مالىمانچىلىقتا ھىچقانداق تەرەپتە تۇرمايدىغانلىقىنى قايتا قايتا بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئەمما تايلاند ئاممىسى ۋە تاراتقۇلىرى: ھەربىي دائىرىلەر سېرىق مايكىلىقلارغا بەكرەك ھىسداشلىق قىلىدىغاندەك قىلىدۇ دەپ قارىدى، سېرىق مايكىلىقلار ھەربى ھالەتكە ئىجابىي ئىنكاس بىلدۈردى، ئۇنىڭ رەھبىرى سۇتىپ نامايىشنى دەرھال توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە 27-ماي ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان زور كۆلەملىك نامايىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، قىزىل مايكىلىقلار ھەربىي ھالەتكە ئامالسىز قېلىش پوزىتسىيەسىدە بولدى، ئۇنىڭ رەھبىرى چادۇفېڭ ھەربىي ھالەت تۈپەيلى نامايىشنى توختىتىپ قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ئەمما نامايىشچىلاردىن ھەربىي دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش، ھەربىى دائىرىلەر بىلەن توقۇنۇشماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

  گەرچە تايلاند ھەربىي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى ھەربى ھالەتنىڭ سىياسى ئۆزگىرىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ ئەمما ئاخىرىدا بۇنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئايلىنىپ كېتىش كەتمەسلىكىنى يەنىلا كۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، خۇددىي تايلاندلىق ئالىم ئاتىيا ئېيتقاندەك ھەربىي ھالەت بىلەن سىياسى ئۆزگىرىش ئارىسىدا پەقەتلا بىر قەدەم بار.

  تايلانلىق سىياسىشۇناسلار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ دۆلەت ھازىر ئاچا يولدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئوخشاش بولمىغان سىياسى گۇرۇھتىكىلەر مەنپەئەت قاياردە بولسا شۇ يەرگە ماڭىدۇ، گەرچە ھەربىي ھالەتنىڭ تۈرۈتكىسىدە قىسقا ۋاقىتتا توقۇنۇش بولمىسىمۇ ئەمما ھەربىي دائىرىلەرنىڭ تايلاندنىڭ سىياسىىي قاتمال ۋەزىيىتىنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ خۇددىي 2006-يىلى تايلانددا سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇپ ئىككى تەرەپنىڭ كۆرىشىگە خاتىمە بېرىلگەنلىكى ئەمما جەمئىيەتتە يىمىرلىشتىن ئىبارەت بىر جاراھەتنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىگە ئوخشايدۇ.

  تايلانددىكى سىياسىي تەھلىلچى ۋېيلاپا مۇنداق دېدى: ھەربىي دائىرىلەر ھازىر مۇنداق ئىككى خىل تاللاشقا دۇچ كەلدى، بۇنىڭ بىرى ھەربى ھالەتتىن كېلىپ چىققان تىنچ ھالەتتىن پايدىلىنىپ سايلام ۋە ئىسلاھات ئۈچۈن شارائىت يارىتىش، يەنە بىرى يېڭى زۇڭلى تەيىنلەپ ھازىرقى قارانچۇق ھۆكۈمەت زۇڭلىسىنىڭ ئورنىغا قويۇش.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى بۇ قېتىمقى ھەربىي دائىرىلەر يولغا قويغان ھەرىى ھالەت يېرىم يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان تايلانددىكى سىياسىي مالىمانچىلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلگە كىرگەنلىكىدىن، كەلگۈسىدە تايلاندنى نورمال تەرەققىيات يولىغا ئېلىپ كىرىشتە يەنىلا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۆزلىشىش سەمىمىيىتى ۋە سىياسىي ئەقىل پاراسىتىگە مۇھتاج بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر