باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ناخشا-ئۇسسۇلۇق تىياتىر «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت» دۆلەتلىك تىياتىرخانىدا ئوينالدى

2014.05.22 13:59   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ناخشا-ئۇسسۇلۇق تىياتىر «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت» دۆلەتلىك تىياتىرخانىدا ئوينالدى

  شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق سەھنە سەنئەت ئەسىرى، ناخشا-ئۇسسۇلۇق تىياتىر «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت» 19-، 20-ماي دۆلەتلىك تىياتىرخانىدا ئوينالدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى ۋاڭ مېڭ، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى دوڭ ۋېي، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى يى، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ ۋېي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ھەر مىللەت ئاممىسى تىياتىرنى كۆردى.

  بۇ قېتىمقى ئويۇن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقى خاتىرلىنىۋاتقان، شۇنداقلا شىنجاڭدا 32-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ئەھمىيەتلىك مىنۇتلاردا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلەر، يېڭە مۇۋەپپەقىيەتلەر تولۇق نامايان قىلىنغان، يەنە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى»نى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئاكتىپ تىرىشچانلىقلىرى نامايان قىلىنغان.

  «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت» 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىلىلىيچە ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش نومۇرى سۈپىتىدە ئوينالغان بولۇپ، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىرى، چەت ئەللىك مېھمانلار ۋە ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بۇ تىياتىر ئۇيغۇر ئانا ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ ئالتە مىللەتتىن بولغان 19 يېتىم بالىنى بېقىۋالغانلىقىدەك ھەقىقىي ۋەقەلىك ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى: نۆۋەتتە ھوقۇق-پۇل سودىسى ئا…
      ·مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قى…
      ·يېڭى نۆۋەتلىك مەجبۇرىي مائارىپ دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش داۋاملىق ئورۇندالماقتا يېڭى بىر تۈركۈمدى…
      ·2014-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش توغرىسىدىكى ئېت…
      ·گوۋۇيۈەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى  مەخسۇس تەكشۈردى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسى تەتقىق قىلىنىش تۈزۈلۈش مۇكەممەللەشتۈ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئىنگلىز تىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن چىقىرىلىدۇ»غا قارىتا، ئىسلاھات لايىھەس…
      ·تاجىكىستان سەنئەت ئۆمىكى بېيجىڭدا ئويۇن قويدى(1)
      ·قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئالماسبېك ئاتامبايېف جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ