باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تەقدىرنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتۈپ تۇرغان ئۇكىرائىنا (2)

2014.05.26 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكىرائىنا جۇغراپىيىلىك سىياسىينىڭ ئارىلىقىدىكى تىركىشىش ئىچىدە قالدى. بۇ، ئۇكىرائىنانىڭ تەقدىرى. بوران چاپقۇن ئىچىدە ئۇكىرائىنانىڭ ئۆزى ئامالسىز ھالەتتە قالدى. بۇ كىرىزىستىكى باش پېرسۇناژ رۇسىيە ۋە ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىۋاتقان ياۋروپا ۋە غەرب لاگېرى ئىدى. ئۇنداقتا ئۇكىرائىنانىڭ تەقدىرىنى كونترول قىلىپ تۇرىۋاتقان تىركىشىپ تۇرىۋاتقان بۇ ئىككى تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسى قانداق؟ رۇسىيەگە نىسبەتەن ئامېرىكىغا رەددىيە بېرىپ، ياۋروپانى ئۆزىگە تارتىپ ئۇكىرائىنانىڭ بىتەرەپلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەڭ ياخشى نەتىجە. شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە قاتتىق پوزىتسىيىسى بىلەن قىرىمنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، دەرھال بۇرۇلۇش ياساپ، سەمىمىي سېگنالنى كەينى كەينىدىن بەردى. ئۇكىرائىنا مەسىلىسىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈمىدىنى بىلدۈردى. بىراق، رۇسىيەنىڭ ئىپادىسى غەرپنىڭ نەزىرىدە قۇرۇق گەپ ھەمدە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلىمىسە ئەلۋەتتە قىزغىن ئىنكاس قايتمايدۇ دەپ قارالدى.

  ئامېرىكىغا نىسبەتەن، ئوباما ھۆكۈمىتى ئۇكىرائىنا مەسىلىسىدە لىۋىيە، سۈرىيە قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئامالنىڭ بارىچە ئازراق ئارىلىشىش پوزىتسىيىسىنى تۇتتى، ھەم ئۆزىنىڭ مەنپەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى خالىمىدى ھەمدە كۆپرەك ئارىلىشىپ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ كېتىشنى خالىمىدى. قىرىم مەسىلىسىدە ئوبرازى بۇزۇلغان ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى تەس ئىدى. ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە نىسبەتەن، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش ئۇلار بىلەن رۇسىيەنى يېقىنلاشتۇردى، كۈچلۈك ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئالدىدا، ئۇلارنىڭ رۇسىيەنى جازالاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرسىز بولدى، بۇنىڭ بىلەن غەرب لاگېرىنىڭ پارچە پۇرات ئىتتىپاق بولمىغان پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىشى ئېنىقلا گەپ ئىدى.

  چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تىركىشىشى جەريانىدا، ئۇكىرائىنانىڭ شەرقىي غەربىدە زىددىيەت زورايدى، پۈتكۈل دۆلەت تەۋرىنىش ئىچىدە تۇرماقتا. نۆۋەتتە بىردىنبىر ئۈمىد ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئۇرۇش دېمەكتۇر ئاپەت دېمەكتۇر دېگەن ئورتاق تونۇشنى ھاسىل قىلىشىدا. ئۇكىرائىنا قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدۇ؟ ئارىلىقتا قالغان ئۇكىرائىنا ئامالسىز ھالدا تەقدىرنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر