باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن «22-ماي» زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىغا قارىتا مۇھىم يوليۇرۇق بەردى

2014.05.25 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 7دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىككى نومۇر تاختىسى يوق ماشىنا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى باغچا شىمالى يولىدىكى ئەتىگەنلىك بازاردا ئاممىنى سوققان، ئارقىدىن ئىككى ماشىنا پارتلاپ ئوت كەتكەن. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغانغا قەدەر، 31 ئادەم ئۆلۈپ، 90دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: دېلونى تېز سۈرئەتتە پاش قىلىپ، تېررورچىلارنى قاتتىق جازالاش كېرەك؛ يارىلانغان ئاممىنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سوراپ، جەمئىيەتنى چارلاپ كونترول قىلىش ۋە مۇھىم ئورۇنلارنى مۇداپىئە قىلىشنى كۈچەيتىپ، زەنجىرسىمان ئاقىۋەت پەيدا بولۇشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە تېررورچىلاردىن ھوشيار بولۇش، شىددەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي ساقلاپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلاش كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر