- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن زوراۋان تېررورلۇق ۋەقەسىدە يارىلانغانلار ۋاقتىدا داۋالاندى
2014.05.26 08:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈنۈگۈن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى باغچە شىمالىي كوچىسىدىكى ئەتىگەنلىك بازاردا ئېغىر زوراۋان تېررورلۇق دېلوسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى ۋە يارىلاندى. ۋەقەدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى دوختۇرخانىلار ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش يولىنى دەرھال ئاچى، دوختۇرخانىنىڭ ھەرقايسى ئالاقىدار بۆلۈملىرىدىكى تايانچ كۈچلەرنى چىقىرىپ، زوراۋان تېررورلۇق ۋەقەسىدە يارىلانغان ھەر مىللەت ئاممىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزدى. ھازىر 90دىن ئارتۇق يارىدار ۋاقتىدا مۇۋاپىق داۋالانماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر