باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ خەلقى نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن نەپكە ئېرىشتى

2014.05.22 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش باشلانغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە 19 ئۆلكە، شەھەر ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. تۆت يىلدىن بۇيان، نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مەدەنىيەتتە خەلقكە نەپ يەتكۈزۈش، مائارىپ، پەن-تېخنىكىدا خەلقكە نەپ يەتكۈزۈش، يول، تۇرالغۇ جەھەتتە خەلقكە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق 1900 دىن ئارتۇق تۈرنى يولغا قويۇشقا 10 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئېرىشتۈردى.

  باينغۇلىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستىدا دۇختۇر ۋە دورا يېتىشمەسلىك مەسىلىسى گەۋدىلىك ئىدى، خېبېي ئۆلكىسى 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، باينغۇلىندا بىر تۈركۈم يېزا-بازار شىپاخانىلىرىنى قۇرۇشقا ياردەم بەردى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دۇختۇر يۈ ۋېنلى يەنە چاقىلىق ناھىيىسىدە مەخسۇس ئامبالاتورىيە قۇرۇشقا ياردەم بەردى، ھازىر قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە ياشاۋاتقان ئاياللار كېسەللىكلىرى بىمارلىرى داۋالىنىش ئۈچۈن نەچچە يۈز كىلومېتىر يول يۈرمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر