- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
2014.05.25 15:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مېزىنتسېۋ 22-چېسلا جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، 22-چېسلا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەبلەندى ۋە قايغۇردى. بىز بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمىز. بىز بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.
ئۇ يەنە، تېررورچىلارغا زەربە بېرىش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىرىنچى يۆنىلىشى، خەلقئارا جامائەتچىلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشى كېرەك.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر