باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنئەنىۋى ئېسىل پەزىلەتنى نۇرلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر ئىستىلى تۇرغۇزايلى

2014.05.26 08:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تېجەشلىك بولۇش شەرەپلىك، ئىسراپچىلىق نومۇس. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلار، تارماقلار مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈرلۈك تېجەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىسراپچىلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنى قەتئىي توسۇپ، تېجەشلىك بولۇشقا ئىلھام بېرىش، ئىسراپچىلىقنى تۈزەشنى ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئادەت ئارقىلىق، دەۋرنىڭ ئىجابىي كۈچىنى ئۆزلۈكسىز قوزغاتتى.

  مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى چىقىرىلغاندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، قاتتىق تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ بىر قوشۇلغان يىگىرمە تۈزۈم قۇرۇلۇشى رامكىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلتۇر 25-نويابىر، «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى» ئېلان قىلىنىپ، قاتتىق تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ نېگىزلىك قانۇنىغا ئايلاندى. بۇنىڭ ئالدى-كەينىدە، 11 يۈرۈشلۈك تۈزۈم ئارقا-ئارقىدىن چىقىرىلدى. بىر يۈرۈش قاتتىق چەكلىمە-مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىكى قەتئىي ئىرادىنى نامايان قىلدى.

  مەركەزدىن يەرلىككىچە، قاتتىق تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، تۈزۈم قەپىسى بارغانسېرى چىڭىپ، تۈزۈمنىڭ چەكلىمىلىك كۈچى بارغانسېرى كۈچىيىپ، تۈزۈم ئىجراسى بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ، تۈزۈم ئېلىپ كەلگەن ئۈنۈم كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

  بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئىسىم-فامىلىسى ئاشكارا ئېلان قىلىنىش ئارقىلىق، 956 تىپىك دېلو ئۇقتۇرۇلدى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەخسۇس تەكشۈردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى 17 مىڭ 152 قېتىم نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغات بېرىش، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىدىن 333 نى بايقاپ، 355 كادىر ساقچىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  خېبېي ئۆلكىلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى جايلاردىن شەھەر باغچىلىرى ۋە داڭلىق مەنزىرىگاھلاردىكى ئالىي رېستوران، ئارامخانىلارنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ تۈزەپ، ئەستايىدىل ئېنىقلاپ ۋە تەرتىپكە سېلىپ، باغچىلارنىڭ ئاۋامغا تەئەللۇق بولۇشى، داڭلىق مەنزىرىگاھلارنىڭ ئاممىغا يۈزلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  خاربىن شەھىرىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تاڭزۇڭزا چاغىنىدىن بۇرۇن ھۆكۈمەت پۇلىغا تاڭزۇڭزا، تۇخۇم سېتىۋېلىش ۋە ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قاتارلىق بايراملىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈردى.

  پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىستىلىدە بۇرۇلۇش بولۇش ئارقىلىق، جەمئىيەت ۋە خەلق ئىستىلى يېتەكلەندى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاڭلىق ھالدا غورىگىل تۇرمۇشقا ئادەتلىنىپ، تەبرىكلەش، يىغىن، سىرتتىن ئەزىز مېھمان تەكلىپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلمىدى، يەرلىكتىكى بىر قىسىم رەھبەرلەر ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاكلىق ئوچىقىدا تاۋلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

  مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل مەركەز تارماقلىرىنىڭ ئۈچ خىراجىتىنىڭ ئومۇمىي خامچوتى يەتتە مىليارد 151 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ بېشىدىكى خامچوتتىن %10.3 ئازىيىپ، بۇلتۇر ئەمەلىي خىراجەت قىلىنغان يەتتە مىليارد 154 مىليون يۈەندىن سەل ئازىيىپ، بۇ يىل مەركەزنىڭ ئۈچ خىراجىتىنىڭ كۆلىمىنى كۆپەيتمەستىن ئازايتىش ۋەدىسى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر