باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تەقدىرنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتۈپ تۇرغان ئۇكىرائىنا

2014.05.26 09:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-ماي ئۇكىرائىنادىكى ئالىي پارلامېنت «ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە تىنچىلىق ئەسلەتمىسى» نى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاپ، بارلىق ئۇكىرائىنالىقلارنى ئاچقۇن ھەرىكەت ۋە ئۆچمەنلىكنى توختىتىپ، بىرلىكتە بىرلىككە كەلگەن ئۇكىرائىنا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىگە قايتىپ كېلىپ، ئورتاق ماكانى ئۇكىرائىنانى قوغداش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىشقا مۇراجئەت قىلدى.

  ئۇكىرائىنا ۋەزىيىتىدە خۇددى بىزە ئۈمىد تۇغۇلغاندەك قىلاتتى. 19-ماي پۇتتىن يەنە بىر قېتىم پەرمان چۈشۈرۈپ چېگرا رايوندا قەرەللىك مانىۋېرغا قاتنىشىۋاتقان قىسىمدىن دائىمىي تۇرۇشلۇق بازىغا قايتىپ كېلىشنى تەلەپ قىلدى، پۇتتىن ئىمپىرىيىسى يەنە بىر قېتىم سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈپ، سۆزلىشىش بوشلۇقىنى بەردى.

  25-ماي، تەۋرىنىش ئىچىدە تۇرغان ئۇكىرائىنا زۇڭتۇڭ سايلىمىنى كۈتۈۋالىدۇ. قىرىم ئومۇمى خەلقنى ئاۋاغا قويۇپ رۇسىيەگە قوشۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي قىسىمدىكى ئىككى ئوبلاستنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي بولىۋاتقان چاغدا، ئۇكىرائىنانىڭ تەقدىرى پۈتۈن دۇنيانى جىددىيلەشتۈردى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، نۇرغۇن مۇلاھىزىچىلەر ئۈمدسىز مۆلچەرىنى بىلدۈردى. بەزىلەر ئۇكىرائىنا خېلى بۇرۇنلا ئىچكى ئۇرۇش پاتقىغا پېتىپ قالغان، بۈگۈنكى ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش يۆنىلىشىكە قاراپ يۈزلەندى دەپ قارىدى؛ بەزىلەر ئۇكىرائىنا پۈتۈنلەي پارچىلىنىپ كېتىپ، يەنە بىر يۇگۇسلاۋىيەگە ئايلىنىپ قېلىشى مۈمكىن دەپ قارىدى؛ يەنە بەزىلەر ئۇكىرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئۆتۈپ كەتتى، كېيىنكى باسقۇچتا تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ دەپ قارىدى، ئەلۋەتتە يەنە بەزى كىشىلەر ھەر قايسى تەرەپنىڭ مۇرەسسەلىشىشى ئۇكىرائىنا كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئەڭ رېئال ھەل قىلىش لايىھىسى دەپ قارىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر