باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

2014.05.26 08:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن مەركىزىي مىللەتلەر كادىرلار ئىنستىتۇتى، جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «دىنىي ئەسەبىيلىكنى توسۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش» مۇھاكىمە يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەتقىقات مەركىزى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتى، مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلار قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملار دىنىي ساھەنىڭ ۋەكىللىرى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ يامرىشىنىڭ ۋە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىنىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئاساسىي تېمىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىنىي ئەسەبىيلىك دىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئېلىمىزدىكى بەش چوڭ دىننىڭ تىنچلىقنى سۆيۈش، ھاياتنى قەدىرلەش ئەنئەنىسىگە قارشى، ئۇلار دىنىي ساھەدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

  جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆ چېڭ مۇنداق دېدى: دىنىي ئەسەبىيلىك دىنىي بايراقنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي ئەقىدىنى بۇرمىلىدى ۋە ئاشۇرۇپ چۈشەندۈردى، مەتلەقلەشكەن نۇقتىئىنەزەر ئارقىلىق دىنىي تەلۋىلىككە قۇتراتقۇچىلىق قىلىپ، دىنىي مەزھەپلەر، دىنلار، مىللەتلەر ئارا زىددىيەت پەيدا قىلدى، ئۇنىڭ ماھىيىتى-جەمئىيەتكە، ئىلىم-پەنگە، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش.جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو چېڭجېن مۇنداق دېدى: ئىسلام دىنى تىنچلىقپەرۋەر، ئوتتۇرا يول تۇتىدىغان، ئەسەبىيلىك، تېررورىزمنىڭ بىدئەتچىلىكى ئىسلام ئىدىيەسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ.

  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە ۋە دىن ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور مۇ جۇڭجيەن مۇنداق دەپ قارىدى: دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتا يۈزەكى ھەل قىلىش بىلەن تۈپتىن ھەل قىلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ئىجابىي كۈچلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، جەمئىيەتنى تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ئاز ساندىكى تېررورچى ئۇنسۇرلارنى ئەڭ زور چەكتە يىتىم قالدۇرۇش ۋە ئۇلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر