باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ چىشەن شەندۇڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى

2014.05.16 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن مېڭيىن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى كوللېكتىپىنىڭ تەربىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لىنيى شەھىرىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۇزاققىچە كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ياخشى پارتىيە ئىستىلى ۋە مەمۇرىي ئىستىل ئارقىلىق كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈش داۋامىدا ۋاڭ چىشەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار 3-ئومۇمىي يىغىن قارارىنىڭ 36-ماددىسىدىكى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ئاساسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيەلىك كۆز قارىشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كوللېكتىپنى، قوشۇننى ياخشى يېتەكلىشى لازىم. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش، مەركىزىي ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر