باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئەلئارا دىپلوماتىيە جەھەتتە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تاشقى دوستلۇق ئالاقىسىنى كۆپ ساھە، كۆپ يول، كۆپ قاتلام بويىچە قانات يايدۇرۇش كېرەك

شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا دوستلۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2014.05.16 15:21   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەلئارا دىپلوماتىيە جەھەتتە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تاشقى دوستلۇق ئالاقىسىنى كۆپ ساھە، كۆپ يول، كۆپ قاتلام بويىچە قانات يايدۇرۇش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15 – ماي تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15 – ماي ‹‹خەلق›› سارىيىدا جۇڭگو خەلقئارا دوستلۇق يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقى تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقلەرنىڭ دوستلۇقىنى تەكىتلەش دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسىي كۈچ، جۇڭگو خەلقى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقى بىلەن ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئىناق تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ئەلئارا دىپلوماتىيە جەھەتتە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تاشقى دوستلۇق ئالاقىسىنى كۆپ ساھە، كۆپ يول، كۆپ قاتلام بويىچە قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان، تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان خەلقئارادىكى دوستلارغا، جۇڭگو ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھات ئىشلىرىغا ئۇزاقتىن بۇيان ھېسداشلىق قىلىۋاتقان ۋە مەدەت بېرىۋاتقان ھەرقايسى دۆلەت دوستلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: خەلقلەرنىڭ دوستلۇقىدۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسىي كۈچ ھەم ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي ئالدىنقى شەرتى. ھەرقايسى ئەل خەلقى مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان خەلقئارالىق ۋەزىيەت، شۇنداقلا كەسكىن ۋە گەۋدىلىك بولۇۋاتقان دۇنياۋى مەسىلە ئالدىدا، دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، جاپا – مۇشەققەتتە ھەمدەمدە بولۇشى زۆرۈر.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەزەلدىن تىنچلىقنى سۆيىدىغان مىللەت بولۇپ، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىقتىن ئىبارەت قەتئىي ئىدىيە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا ئورتاق چىڭ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. ئەلئارا دىپلوماتىيە مەدەنىيەت ئالاقىسىدە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇستەھكەم كۈچ. چېگرا، ماكان ۋە مەدەنىيەت ھالقىغان مەدەنىيەت ئالاقىسىدە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش پائالىيىتى ئارقىلىق، ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ ئۆزئارا بىلىشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا قوللىشى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقى قەلبىدە تىنچلىق ئىدىيەسىنى قەتئىي تۇرغۇزۇپ، ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىدىغان ۋە ئۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغان، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى ئېلىمىزدە يولغا قويۇلۇۋاتقان مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردە كەڭ دائىرىدە دوست تۇتۇپ، تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو خەلقى تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى 60 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە خەلقلەر دوستلۇقىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ – قۇدرىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئەلئارا دىپلوماتىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيە ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئورنىنى تولۇق دەلىللەپ بەردى. جۇڭگو خەلقى تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئەلئارا دىپلوماتىيە، شەھەر دىپلوماتىيەسى، جامائەت دىپلوماتىيەسىنى يەنىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئەلئارا دىپلوماتىيە دوستلۇق خىزمىتى ئۈچۈن، تېخىمۇ يېڭى، زور تۆھپىلەرنى ئۈزلۈكسىز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن چېن چاڭجى، ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جيارۇي، ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېت، خەلق تەشكىلاتى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇزاقتىن بۇيان ئەلئارا دىپلوماتىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان زاتلار ھەم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دوستلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 850 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەللىك دوستلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  جۇڭگو خەلقى تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى 1954 – يىل 5 – ئاينىڭ 3 – كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەلئارا دىپلوماتىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەملىكەتلىك خەلق تەشكىلاتى. ھازىر، ئېلىمىز ئىچى – سىرتىدىكى 46 رايون ۋە دۆلەتتە دوستلۇق جەمئىيىتى تەسىس قىلىپ، 157 دۆلەتتىكى 500 نەچچە ئەلئارا تەشكىلات ۋە تەشكىلات ئاپپاراتلىرى بىلەن دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، جۇڭگونىڭ 133 دۆلەت بىلەن 2106 جۈپ دوستلۇق ئۆلكە، ئىشتات ۋە شەھەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا ھەمكارلاشتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى: نۆۋەتتە ھوقۇق-پۇل سودىسى ئا…
      ·مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قى…
      ·يېڭى نۆۋەتلىك مەجبۇرىي مائارىپ دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش داۋاملىق ئورۇندالماقتا يېڭى بىر تۈركۈمدى…
      ·2014-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش توغرىسىدىكى ئېت…
      ·گوۋۇيۈەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى  مەخسۇس تەكشۈردى…
      ·شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايوف بىلەن سۆھبەتلەشتى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان پرېزدېنتى نەزەربايىف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسى تەتقىق قىلىنىش تۈزۈلۈش مۇكەممەللەشتۈ…