دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14 – ماي خەلق سارىيىدا پاكىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى بۇخارى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو – پاكىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقتىكى ھەمراھلار. ئىككى دۆلەت ئەزەلدىن يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئۆزئارا ئىشىنىپ، نۇرغۇنلىغان مۇھىم مەسىلىلەردە زىچ ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى دۆلەت خەلقى يېقىن ئۆتىدۇ. جۇڭگو – پاكىستان مۇناسىۋىتى دۆلەت بىلەن دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئۈلگە. جۇڭگو تەرەپ پاكىستاننىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەردە جۇڭگونى ئىزچىل قوللىغانلىقى، جۇڭگو – پاكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ.جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدور قۇرۇلۇشىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ پاكىستاننىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە پاكىستان تەرەپ بىلەن خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› كە بىرلىكتە زەربە بېرىشنى خالايدۇ. بىز پاكىستان تەرەپ بىلەن بولغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، سىياسەت يۈرگۈزۈشتىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بىلەن پاكىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئالاقىسىنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو – پاكىستان ئالاقىسىدىكى دوستانە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.
بۇخارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان-جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئاساسىي مۇستەھكەم. پاكىستان تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتىكى نەتىجىلىرىگە قايىل، جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››مۇھىم تەشەببۇسى پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. پاكىستان تەرەپ ئىككى دۆلەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. پاكىستان تەرەپ يېقىندا جۇڭگودا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ھەمدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. پاكىستان تەرەپ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پاكىستاندىكى جۇڭگو مەبلىغىدىكى ئاپپاراتلار ۋە خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.