باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى خىزمىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر–يېزا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2014.05.15 15:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

  ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى خىزمىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر–يېزا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى 14 – ماي ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نۇر بەكرى يىغىندا مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشاننى چۆرىدەپ، ئىناق شىنجاڭ، مەدەنىي شىنجاڭ، ئېكولوگىيەلىك شىنجاڭ، ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ماس كېلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. جايلار، تارماقلار مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىشى كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇھىت تازىلىقىنى كۈچەپ تۈزەش، پاكىز مۇھىت بەرپا قىلىش، ساغلاملىق تەربىيەسى، ئىچىدىغان سۇنى ياخشىلاش، ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش، زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەتىياز، يازدىكى مۇھىت تازىلىقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر – يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقى شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، پۇقرالارنىڭ مەدەنىي تازىلىق ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەتلىك پاكىز شەھەردىن تۆتى، دۆلەتلىك پاكىز ناھىيە ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پاكىز شەھەر، ناھىيە بازىرىدىن 15ى بار؛ ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردا ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %68.79 كە يەتتى.

  نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى خىزمىتىدە خەلقنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاممىۋى ھەرىكەتنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار ماسلىشىش، ئامما ھەرىكەتكە كېلىش، جامائەت قاتنىشىش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ياخشىلاپ، شەھەر – يېزا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تازىلىق ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

  نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەھەر – يېزا مۇھىت تازىلىقىنى رەتكە سېلىش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، گۈزەل، راھەت تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك؛ پاكىز شەھەر(ناھىيە بازىرى) بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، شەھەر – يېزا ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى خىزمىتىدە ئاممىنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تېببىي دورا ۋە سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ماس قەدەمدە چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇنى ياخشىلاش، ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئاممىۋى تازىلىق مۇلازىمەت تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تازىلىق ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك.

  يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتىنى تەشكىل قىلغۇچى خادىملارنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. نۇر بەكرى ئەزا ئورۇنلارنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى خىزمىتىنىڭ يېڭى مېخانىزمى، يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر