باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى شېرۋا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2014.05.16 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ماي خەلق سارىيىدا پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى شېرۋا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ، مەۋقەنى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قارىتىپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۇرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 35 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى باشتىن ئاخىرى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى دۆلەت ئاۋمېندىن ئىبارەت تارىختىن قېپقالغان بۇ مەسىلىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىپ، دۇنياغا ئۇلگە تىكلەپ بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، جۇڭگو پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتى مۇقىم ۋە ھاياتى كۈچكە تولغان تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا. ئىككى تەرەپ مەۋقەنى ھازىرغا قارىتىپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھۆكۈمەت، پارلامېنت پارتىيە، يەرلىك ۋە ئەل ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك . ئىككى تەرەپ يەنە كۆپ خىل شەكىللىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو پورتۇگال تىلى دۆلەت مۇنبىرى قاتارلىق مېخانىزملار ئارقىلىق، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىن ئىبارەت ئۇچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ئۇستىدە ئىزدىنىپ، ئالاقىدار رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقى ، مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شىرۋا مۇنداق دېدى: پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگو ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆز ئارا دوستانە ئىشىنىشىپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئاۋمېننىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن بۇيان، ئوڭۇشلۇق تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، بۇ ئىككى پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئەقىل پاراسىتىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى. پورتۇگالىيە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە ئىشەنچىسى كامىل. پورتۇگالىيە جۇڭگو بىلەن سىياسىي جەھەتتىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد سودا، يېشىل تۆۋەن كاربون، پۇل مۇئامىلە، ساياھەت، مائارىپ، پەن تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى مەبلەغ سېلىپ، ياۋروپا بازىرىنى بىرلىكتە ئىچىشقا جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. سۆھبەتتىن كىيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاش مۇراسىمغا قاتناشتى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە مۇخبىرلار بىلەن بىرگە كۆرۈشتى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا شىرۋانىڭ شەرىپى ئۈچۈن قارشى ئىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر