باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2014.05.16 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، «ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى قېلىپىنى سەرخىللاشتۇرۇش» دېگەن مەزمۇننى چۆرىدەپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  ئەزالار مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك تارقىتىش قۇرۇلۇشىدا جۇڭگونىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، ئىلمىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى پەن تېخنىكا تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئىسپاتلاپ، ئىلمىي ھەل قىلغۇچ تەدبىر مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى سانائىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرسەك. سۆھبەت يىغىنىدا ئەزالار ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسلەر تۈرلۈك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەزى ئەزالار ۋە مۇتەخەسسلەر ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىقتىسادىي تېخنىكا مەسىلىسى توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان چۈشەنچىسىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر