باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بازار كۈنىدىكى ‹‹قىزىل چاستوتا››

2014.05.15 15:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەكشەنبە كۈنى گۇما ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بازار كۈنى.

  82 ياشلىق مەھمۇد مەمەت ئاكا بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى 11 – ماي تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەنلا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئۇلار ئۈنئالغۇ، كاناينى تەق قىلغاندىن كېيىن، كىراغا بەش يۈەن تۆلەپ، ياڭراتقۇ ئۈسكۈنىلىرىنى بازاردىكى ئەڭ ئاۋات جايغا توشۇدى، ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ بىر كۈنلۈك رادىيو تەشۋىقاتى ئەنە شۇنداق باشلاندى.

  بازاردا خېرىدارلار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى، مەھمۇد ئاكىنىڭ ‹‹رادىيو ئاڭلىتىش›› يايمىسىنىڭ ئالدى خېرىدارلار بىلەن تولدى، خېرىدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئاڭلىغۇچىلىرى ئىدى! كۆكتېرەك يېزىسى قاغا مەھەللە كەنتىدىكى 79 ياشلىق داۋۇت سەيدۇللا ئاكا ئەنە شۇ قىزغىن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى.

  ئوڭ كۆزى كۆرمەيدىغان، سول كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ناچارلاپ كەتكەن داۋۇت ئاكا گەپ قىلغاندا دائىم سول كۆزىنى ئۇۋۇلاپ قوياتتى. ‹‹يەكشەنبە كۈنى ئوغلۇم بىلەن ناھىيە بازىرىدىكى بۇ بازارغا كېلىمىز. بىرەر يېرىم سائەت بازارنى ئايلىنىپ، سودىلىقىمىزنى تۈگىتىمىز. قالغان ۋاقىتتا مۇشۇ يەرگە كېلىپ، مەھمۇدنىڭ ئۈنئالغۇسىدىن پارتىيەنىڭ سىياسىتى، قانۇن ساۋاتلىرى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى ئاڭلايمىز. بۇنىڭغىمۇ توپتوغرا 30 يىل بوپتۇ››، دېدى داۋۇت ئاكا. ‹‹بۇ قېرىنى قوغلاپمۇ قوغلىۋېتەلمەيمەن، بىر ئولتۇرۇشىدا يېرىم كۈن ئاڭلايدۇ. كەنتكە قايتقاندا كىچىك كاناي بولۇپ، كەنتتىكىلەرگە تەشۋىق قىلىڭ جۇمۇ››، دېدى مەھمۇد ئاكا كۈلۈپ تۇرۇپ.

  مەھمۇد ئاكىنىڭ يېنىغا كەلگىنىمىزدە، ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئاڭلىتىۋاتقان بولۇپ، سۇ بىلەن نان يەپ ئولتۇرۇپتىكەنتۇق. ‹‹بۈگۈن ھاۋا ياخشى، خوتۇنۇم بىلەن ئىككىمىز سەھەردىلا كەلگەن، تېخى ناشتا قىلمىغان. ئالدى بىلەن لېنتىنى قويۇپ بېرىمەن، ئاندىن ئۆزەم سۆزلەپ بېرىمەن!››، دېدى تېنى تېمەن مەھمۇد ئاكا، ئۇنىڭ تەلەپپۇزى خۇددى رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورلىرىدەكلا توغرا ئىدى.

  مەھمۇد ئاكا 1982 – يىلى ئاۋغۇستتا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ناھىيە بازىرىنىڭ بازار كۈنىنى ئۆزىنىڭ رادىيو تەشۋىقاتىنىڭ ئاساسىي بازىسى قىلىۋالدى، بوران چىقىپ، يامغۇر يېغىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ھەر بازار كۈنى تەشۋىقاتنى قەتئىي توختاتمىدى. ‹‹پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا <جۇڭگو ئارزۇسى> ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مېنىڭمۇ بىر ئارزۇيۇم بار، ئۇ بولسىمۇ <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئارزۇسى!> مەن مەڭگۈ ياڭراق <كاناي> بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى شەھەر، يېزىلاردىكى ھەر مىللەت خەلققە يەتكۈزۈشنى خالايمەن››، دېدى مەھمۇد ئاكا.

  پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئائىلە خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇپ راھەت كۆرۈشكە تېگىشلىك مەھمۇد ئاكا ئەينى چاغدا 50 يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان پېنسىيە مائاشىغا ياڭراتقۇ ۋە كاناي سېتىۋالدى، ھەر يەكشەنبە كۈنى خوتۇنى بىلەن بازارغا بېرىپ، ئادەملەر كۆپ جايدا پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، پىلانلىق تۇغۇت ۋە قانۇن – بەلگىلىمىلىرىنى تەشۋىق قىلدى. بەزىلەر ھەيران بولۇپ ئۇنىڭدىن: ‹‹ئۆزىڭىز يېنىڭىزدىن پۇل چىقىرىپ، قار، يامغۇردا بۇنداق جاپا تارتىپ نېمىمۇ قىلارسىز؟›› دەپ سورىغاندا، مەھمۇد ئاكا كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹ھېچنىمىدىن تەمەيىم يوق، ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن، ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتىم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىننەتدارلىقنى ئۇنتۇماسلىقىم كېرەك!›› دېدى.

  دەل مۇشۇ ‹‹مىننەتدارلىق›› سۆزىگە مەھمۇد ئاكىنىڭ خالىس رادىيو تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى ئىدىيە مۇساپىسى سىڭگەن. مەھمۇد ئاكا نامرات ۋە كۈلپەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ تۆت ياش ۋاقتىدا ئاتا – ئانىسىدىن يېتىم قالغان، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمى ۋە تەشكىلنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۇ مەكتەپكە كىرگەن. كېيىن ناھىيەلىك تاشيول ئۇچاستىكىسىدا يول ئاسراش ئىشچىسى بولغان. 1970 – يىلى سېنتەبىردە پارتىيەگە كىرگەن، ھازىر ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن خاتىرجەم ۋە بەختىيار. ‹‹مېنىڭ بۇنداق ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلىشىم پۈتۈنلەي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن بولدى، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن بوش ۋاقتىم كۆپەيدى، شۇڭا پارتىيەنىڭ دانا سىياسەتلىرىنى خالىس تەشۋىق قىلىپ، كۆپچىلىككە بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىشنى ئويلىدىم››، دېدى مەھمۇد ئاكا. ئۇنىڭ گەپ – سۆزلىرىدە پارتىيەگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇراتتى.

  مەھمۇد ئاكا مەكتەپتە نەچچە يىللا ئوقۇغان بولسىمۇ، ئادەتتە ئۆگىنىش داۋامىدا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، كۆپ ئاڭلاش، خاتىرە قالدۇرۇش، مەشىق قىلىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەن. رادىيو، گېزىت، قولدا كۆچۈرۈلگەن ماقالىلەر ئۇنىڭ ‹‹ئۈچ گۆھىرى››، تېلېۋىزور خەۋەرلىرىنى كۆرۈش، رادىيو ئاڭلاش، پارتىيە گېزىتىنى ئوقۇش ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دائىم قىلىدىغان ئىشلىرى ئىكەن. ئۇ: پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى كۆپچىلىك ياخشى كۆرۈپ ئاڭلايدىغان، ئاسان چۈشىنەلەيدىغان تىلدا سۆزلىگەندىلا، ئاندىن ئامما ئۇنى ئاڭلايدۇ، ئەستە قالدۇرالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايدۇ، دېدى.

  يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى يېڭى ئومۇملاشتۇرۇلغاندا، بەزى دېھقانلار بۇ سىياسەتنى چۈشەنمەي، دېھقانچىلىق بېجى تېخى ئەمدى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى، يەنە پۇل يىغىدىكەن دەپ ئاڭلايمىز، ئادەتتە كۆپ كېسەل بولمايدىغان تۇرساق، نېمىشقا ھەر يىلى بىكاردىن بىكارغا پۇل تاپشۇرىمىز؟ دېگەندە، مەھمۇد ئاكا: ‹‹قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن نەچچە قوينى ساتىمىز؛ بىر قېتىم دوختۇرخانىدا ياتساق، بىر يىللىق ئەمگىكىمىز بىكارغا كېتىدۇ؛ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشساق، داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى دۆلەت بېرىدۇ، دېھقانلار ئازراقلا پۇل تاپشۇرىمىز، بۇ ئەلگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان سىياسەت›› دەپ، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىشنىڭ پايدا – زىيىنىنى چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈپ، نۇرغۇن دېھقاننىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتتى.

  ئۇ مەيلى ناھىيە بازىرىدا ياكى ئاھالە كومىتېتىنىڭ ھويلىسىدا پەيدا بولسۇن، كۆپچىلىك ئۇنى ئورۇۋېلىپ: ‹‹مەھمۇد ئاكا، ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىر خۇلاسىلەپ بەرسىڭىز››، دەپ تەلەپ قىلىشىدۇ. مەھمۇد ئاكا: ‹‹يەر تېرىساق باج تاپشۇرمايمىز، تېخى قوشۇمچە ياردەم پۇل بېرىدۇ، بالىمىز مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇيدۇ، ئامما داۋالانسا، ھۆكۈمەت داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، ھازىر دېھقان بولماق ئاسانلىشىپ كەتتى›› دېگەن سۆزلىرى كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ.

  يېقىنقى نەچچە يىلدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە رەزىل قىلمىشىنى پاش قىلىش ئۈچۈن، مەھمۇد ئاكا شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئاددىي، چۈشىنىشلىك تىلدا بايان قىلىپ كەلدى. ئۇ گۇمىنىڭ 60 نەچچە يىللىق تەرەققىياتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىنى دەلىللەپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنىڭ خەتەرلىكلىكىنى ئېچىپ بەردى.

  مەھمۇد ئاكىنىڭ تەسىرىدە، ئۇنىڭ 18 ياشلىق قىزى ئايتۇرسۇن دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئويلىدى. ئۇ: ‹‹دادامنىڭ بۇ ئىشى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، بىز ئۇنى قوللايمىز. مەنمۇ دادامغا ئوخشاش <كاناي> بولۇپ، يۇرتداشلارغا پارتىيەنىڭ ياخشى فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىمەن››، دېدى. مەھمۇد ئاكا ‹‹يۈزتۇرا بولۇش، سىردىشىش، قائىدە سۆزلەش، ئەمەلىي ئىش قىلىش››تىن ئىبارەت تەشۋىقات ئەندىزىسى ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، سىياسەتلىرىنى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ، ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، بەلكى جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەلرايىنى راۋانلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىگە قولايلىق ئېلىپ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر