باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇسۇلمانلارنى ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) ئىدىيەسى ئارقىلىق ھەق ئېتىقاد، توغرا يولغا يېتەكلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى چەكلەش كېرەك

2014.05.16 15:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار مۇنداق دېدى: مۇسۇلمانلارنى ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) ئىدىيەسى ئارقىلىق ھەق ئېتىقاد، توغرا يولغا يېتەكلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى چەكلەش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 15 – ماي تېلېگراممىسى. جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ 14 – مايدىن 15 – مايغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە چاقىرىلغان ‹‹ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) ئىدىيەسىنى مەھكەم ساقلايلى، دىنىي ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرايلى›› باش تېمىسىدىكى ئىسلام دىنى ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇقۇمۇشلۇق ئاخۇنۇم، موللام قاتارلىق ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى 100دىن ئارتۇق زات ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىم ئىسلام دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىقتىن ئىبارەت ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي روھىنى ئورتاق شەرھلەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىكى سەپسەتىلەرگە چوڭقۇر رەددىيە بېرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى.

  يىغىندا ‹‹ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) ئىدىيەسىنى مەھكەم ساقلايلى، دىنىي ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرايلى›› تەشەببۇسنامىسى ماقۇللاندى، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) ئىدىيەسىنى مەھكەم ساقلاپ، ھەق ئېتىقاد، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى چەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشقا چاقىرىق قىلىندى.

  جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چېن گۇاڭيۈەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەت دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىسلامدىكى ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى توغرىسىدىكى مۇپەسسەل بايانلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئىسلام دىنىدا تەشەببۇس قىلىنغان ھەق ئېتىقادقا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) ئىدىيەسىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئوتتۇرا يول(تەرىقەت)دا چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكتىن يىراقلىشىپ، تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىقنى كۈچەيتىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ دوستلۇقى، ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنى ئوتتۇرا يول(تەرىقەت)دا مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ساپلىقىنى، ئىسلام دىنى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئېسىل ئوبرازىنى قوغداشتىن ئىبارەت.

  ئىككى كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنىدا، يىغىن ئىشتراكچىلىرى بىردەك مۇنداق قارىدى: ئىسلام دىنىدىكى ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) ئىدىيەسى يەنى لىللالىق ئەقىدىسى ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، مۇسۇلمانلار دىنىي ئەمەل ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي ئۆلچەم. ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) ئىدىيەسى ئاساسلىقى ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش – ئۆزگىلەرنى ياخشى كۆرۈش، دۇرۇس – پاك، كەڭ قورساق – مېھرىبان، تىنچلىققا ئىنتىلىدىغان – دوستانە، ئادىل – ھەققانىي بولۇش، ھاياتلىقنى سۆيۈش(قەدىرلەش)، سەپسەتە ساتماسلىق، ئاشۇرۇۋەتمەسلىك جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

  دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ خىرىسى ئالدىدا، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمانلار يۈكسەك ھوشيارلىقىنى ساقلاپ، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئەسەبىيلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، بۇ خىل ئىدىيەنىڭ كۈشكۈرتۈشىگە قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك. مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئېڭى، قانۇن – تۈزۈم ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە زامانىۋى ئاڭ تۇرغۇزۇپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى مۇسۇلمانلاردىن بولۇشى كېرەك. ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئوچۇق – ئاشكارا ۋە پىرىنسىپلىق ئىش قىلىپ، مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابىدىكى دىنىي ئەھكاملارغا ئاساسەن دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە يوللۇق رەددىيە بېرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابلىتىپ ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىنىي تونغا ئورۇنۇۋېلىپ، مۇقەددەس كىتابتىكى دىنىي ئەھكاملارنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تارقاتتى. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى مۇقەددەس ئىسلام دىنىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلدى. ھەر قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى تېزدىن بايانات ئېلان قىلىپ، قەتئىي مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، ھەققانىي پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› تارقاتقان تۈرلۈك سەپسەتىلەرنى مەردانىلىق بىلەن پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، مۇسۇلمانلارنى دىنىي تونغا ئورۇنۇۋالغان زوراۋان – تېررورچىلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىدى.

  يىغىن ئىشتراكچىلىرى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ھەم ئېلىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا مۇنداق تەشەببۇس قىلدى: ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) ئىدىيەسى ئارقىلىق ئېتىقادنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) ئىدىيەسىنى قۇرئان ئوقۇش، قۇرئان تەفسىر قىلىش ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈپ، خالىس تۇرۇپ، ئوتتۇرا يول(تەرىقەت)دا چىڭ تۇرۇپ، ئېتىقادى مۇكەممەل مۇسۇلمانلاردىن؛ ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) روھى ئارقىلىق ھەرىكەتنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا يول روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى كۈندىلىك سۆز – ھەرىكىتىمىز ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ئېتىقادى دۇرۇس، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىدىغان، ئىككىلا دۇنيادا بەخت – سائادەتكە ئېرىشىدىغان، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان، پاك مۇسۇلمانلاردىن؛ ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) كۈچى ئارقىلىق ئەسەبىي ئىدىيەنى چەكلەپ، ھەق – ناھەقنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى چەكلەپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ يامان نىيىتى ۋە رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇپ، بىگۇناھ ئاممىنى قالايمىقان ئۆلتۈرۈشنىڭ ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغان جىنايى قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ، لىللا، ئاقكۆڭۈل مۇسۇلمانلاردىن؛ ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) پەزىلىتى ئارقىلىق سالاپىتىمىزنى نامايان قىلىپ، ئوتتۇرا يول(تەرىقەت) روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىپ – ئۆزگىلەرنى ياخشى كۆرۈپ، كەڭ قورساق – مېھرىبان، تىنچلىققا ئىنتىلىدىغان – دوستانە، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالايدىغان – قەيسەر بولۇپ، ئىشلارنى كەمتەرلىك ۋە خۇشپېئىللىق بىلەن قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ، ئېلىمىز ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاق، دوستانە، تىنچ، ئىناق جەمئىيەتنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر