- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ باشلىقلار يىغىنى كېلەر ھەپتە شاڭخەيدە ئېچىلىدۇ
2014.05.16 15:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ باشلىقلار يىغىنى كېلەر ھەپتە شاڭخەيدە ئېچىلىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 15-ماي باشلىقلار يىغىنى توغرىسىدا تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، باشلىقلار يىغىنىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. يىغىندا، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى چېڭ گوپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى 20-، 21-ماي شاڭخەيدە ئېچىلىدۇ، جۇڭگو بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە. ھازىرغىچە 46 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى ياكى مەسئۇللىرىنىڭ ۋەكىلى يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. يىغىندا جۇڭگو بۇ كېڭەشنىڭ 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان رەئىسلىكىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى چېڭ گوپىڭ يىغىندا يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھازىر ئاسىيانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم، ئەمما تارىخ ۋە رېئال ئامىللار تەسىرىدە، بىخەتەرلىكمۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ، جۇڭگو بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر