باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ چىباۋ: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرەيلى

2014.05.16 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن شېنجېندا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتنى ئېچىش سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە چوڭ دۆلەتلىك ئورنى بىلەن ماس كېلىدىغان خەلقئارا مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. ليۇ چىباۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، كۆپ تەرەپ تەڭ كۈچ چىقىرىپ، تاشقى مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە تارقىتىشنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، ئاممىباب تارقىتىش، ئاممىۋى تارقىتىش، ئادەملەر ئارا تارقىتىش ئۇسۇلىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ دائىرىلىك مەدەنىيەتنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش قېلىپىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئۆزلۈكسىز زورايتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر