باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹قايتا ئەسلەش››باسقۇچىدا ئەستايىدىل بولۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيلى

2014.05.15 15:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېزىتىمىزنىڭ تەكلىپلىك ئوبزورچىسى شىن ۋېيمىن

  2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيە، پىكىر ئاڭلاش ھالقىسىدىكى خىزمەتلەر ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، ئوتتۇرىغا قويۇش، تەنقىد قىلىشتەك ئاچقۇچلۇق ھالقىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرماقتا. جايلار مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە ‹‹قايتا ئەسلەش›› باسقۇچىنى تېزدىن تەشكىللەپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆزى تۈزىتىشتە ئەستايىدىل بولۇپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەربىيە، پىكىر ئاڭلاش ئۈنۈمى ناچار بولغان جايلار ۋە ئورۇنلارغا ۋاقتىدا ‹‹دەرس تولۇقلاپ››، ‹‹قايتا تەربىيە››نى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

  2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جايلار مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەتراپلىق پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ، پائالىيەتنى قاتلام، تۈرلەر بويىچە قانات يايدۇرۇش، تۈركۈملەپ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى جايلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تونۇش يېتەرلىك بولماسلىق، پىكىر قوبۇل قىلىشى يۈزەكى بولۇش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىشنىڭ يېنىكىنى تاللاش دېگەندەك مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەك. تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىر ھالقا بىلەن يەنە بىر ھالقا چېتىلغان، ھالقىلار ئۆزئارا زىچ باغلىنىشلىق، مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر ھالقا يەنە بىر ھالقىغا تايىنىدۇ، ئالدىنقى ھالقىدىكى خىزمەتنىڭ پۇختا بولۇش – بولماسلىقى كېيىنكى ھالقىدىكى خىزمەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش – قىلالماسلىق بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق. نىشان بېكىتىلگەن ئەھۋالدا ‹‹قايتا ئەسلەش›› ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆزىگە سوئال قويۇش بولۇپ، ئىشنى پىلانلاشتا ئەمەلىيەتچىل بولۇش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تېخىمۇ مۇھىم ئۇسۇل. تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسىدا ‹‹قايتا ئەسلەش››نى ئەستايىدىل تەشكىللەش ۋە قانات يايدۇرۇش پائالىيەتنىڭ كېيىنكى ھالقىدىكى خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

  ‹‹قايتا ئەسلەش››تە نېمىلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش كېرەك؟ ئاساسلىقى مەسىلىلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش كېرەك. كۆرۈپ بېقىش خىزمىتىدە يەنە قانداق ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت ئىكەنلىكى، چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبلەرنى تېپىپ چىقىپ، كەمچىلىكلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاش كېرەك. بىرىنچىدىن، تەلەپلەرگە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم ۋە تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدىمۇ؟ ئۆگىنىش – تەربىيەلەش پۇختا بولدىمۇ؟ ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىش، بىلىش بىلەن ھەرىكەت بىرلەشتۈرۈلدىمۇ؟ پىكىر ئاڭلاش تولۇق بولدىمۇ؟ ھەقىقەتەن ئوچۇق – ئاشكارا، ئومۇمىي جەريانى ئاشكارا بولدىمۇ؟ بېكىتىلگەن تەرتىپ – ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە بەلگىلەنگەن ھەرىكەت ئىشقا ئاشۇرۇلدىمۇ – يوق؟ ئىككىنچىدىن، ئۆلچەمگە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش، يەنى ئۆلچەمنىڭ تۆۋەنلىتىلگەن ياكى تۆۋەنلىتىلمىگەنلىكى، ئۆگىنىش – تەربىيە پائالىيىتىدە رەسمىيەتچىلىك قىلىنغان – قىلىنمىغانلىقى، پىكىرلەرنى ئاڭلاش كەيپىياتىنىڭ داغدۇغىلىق بولغان – بولمىغانلىقى، شەكىلۋازلىق قىلىپ شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇشتەك مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغان – ساقلانمىغانلىقىنى كۆرۈش كېرەك. پائالىيەت جەريانىدا مەجبۇرىي ئۆگىنىش ۋەزىپىسى سېلىقى سېلىش، قۇرۇق شوئار توۋلاش، ئەلرايىنى بۇرمىلايدىغان پىكىر قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى، بولۇپمۇ يىغىننى قانچە قېتىم ئېچىش، خاتىرىدىن قانچىنى تولدۇرغانلىقى، تەسىرات ماقالىسىنى قانچىلىك يازغانلىقى، پىكىر – تەكلىپ قوبۇل قىلىش دەپتىرىنىڭ قانچىلىك قېلىن بولۇشى قاتارلىقلارنى پائالىيەتنىڭ باھالاشتىكى نەتىجە – ئۈنۈمى قىلىشتەك شەكىلۋازلىق ئۇسۇلىنى قەتئىي توختىتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، نىشانغا سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش، يەنى شەخسلەرنىڭ ئىدىيە تونۇشىنىڭ ئۆستۈرۈلگەن – ئۆستۈرۈلمىگەنلىكى، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى، ئاممىۋى قارىشى ھەقىقىي كۈچەيتىلگەن – كۈچەيتىلمىگەنلىكىنى كۆرۈش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، پىلانغا سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش، يەنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن پائالىيەت پىلانىنىڭ سۈپەتلىك ئورۇندالغان – ئورۇندالمىغانلىقى، ئۆگەنگەچ تەكشۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش، دەرھال ئىجرا قىلىپ دەرھال تۈزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش – ئاشۇرالماسلىقنى، شۇنداقلا مۆلچەردىكى ئۈنۈمنى ھاسىل قىلغان – قىلالمىغانلىقىنى كۆرۈش كېرەك.

  پۇختا بولۇپ، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىپ، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىلا، ئىلگىرىلەش قەدىمى شۇنچە پۇختا، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى شۇنچە كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر