باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 652-نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى

2014.05.16 15:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا باش مىنىستىر لى كېچياڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 652-نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، «كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى. «نىزام» كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىسلاھات تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، بۇ ئورۇن تەسىس قىلىش، ئاشكارا خادىم قوبۇل قىلىش، رىقابەتلىك ئىشقا چۈشۈش، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختىمى، تەكشۈرۈش، تەربىيەلەش، مۇكاپاتلاش، جازالاش، مائاش تەمىناتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، كادىرلار ئىشلىرى ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىدۇ، بۇنىڭدا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي تۈزۈم بېكىتىلدى. «نىزام»نىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە يولغا قويۇلۇشى ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئېنىق بولغان، تۈرلەرگە ئايرىلىشى ئېنىق، مېخانىزم جانلىق بولغان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بەرپا قىلىش، يۇقىرى ساپالىق كەسپىي ئورۇن خادىملار قوشۇنى قۇرۇش، ئاممىۋىي مۇلازىمەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر