باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۈچ ئائىلە مەملىكەت بويىچە‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە››شەرىپىگە ئېرىشتى

2014.05.16 15:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ يەنلىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىدىن ئۇقۇشىچە، ھەر يىلى 15 – ماي خەلقئارالىق ئائىلە كۈنى بولۇپ، بۈگۈن مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە››نى باھالاش نەتىجىسى بېيجىڭ شەھىرىدە ئېلان قىلىنغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىن چاغانتوقاي ناھىيەسى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىش مەركىزىدىن پېنسىيەگە چىققان دوختۇر ناسىپقايشا نۇرقاسىن ئائىلىسى قاتارلىق ئۈچ ئائىلە مەملىكەت بويىچە ‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە›› شەرىپىگە ئېرىشكەن.

  ‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە›› مۇنەۋۋەر ئائىلە ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان ئائىلىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىن ‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە›› شەرىپىگە ئېرىشكەن ئۈچ ئائىلىنىڭ ھەممىسىدە بىردىن مېھرىبان ئانا بار بولۇپ، ئۇلار جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىپ كەلگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئاينۇر ئابلىمىت ئۆز خىزمىتىنى قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەپ، بەختلىك كىچىك ئائىلىسىنى چەكسىز مۇھەببىتى بىلەن پەرۋىشلەپ كەلدى. بۇ قېتىم مەملىكەت بويىچە ‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە›› شەرىپىگە ئېرىشىپ، ھاياجېنىنى باسالمىغان ئاينۇر ئابلىمىت: ‹‹ئائىلە ئۆزىمىزنىڭ، ئائىلىنىڭ بەختىيارلىقى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىشلىشىمىزگە، بارلىقىمىزنى بېغىشلىشىمىزغا موھتاج. ھەممەيلەننىڭ ئائىلىسى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىشلەنگەندىلا، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلە ئىناق بولىدۇ››، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر